12-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى ئۇلۇس مەيدانىدا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30 ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن 5 نەشرىيات ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
ئۆتۈكەن مەدەنىيەت-مائارىپ جەمئىيىتى، تۇلپار مىللەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 30 تەشكىلات بىلەن 5 نەشرىيات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە، قەيسەرى، ئىستانبۇل، بۇرسا ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن سىرت ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى.
بىرقانچە تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى بولغان ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئۆتۈكەن مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئىشىل ئەسگىن خانىم مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، ھۆرمەتلىك ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، قىممەتلىك قوللىغۇچىلار، ھەممىڭلارغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بىز بۈگۈن تۈرك مىللەتچى تەشكىلاتلىرى ۋە بىرقىسىم شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ‹توختات› دېيىش، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنى، سىياسىي پارتىيەلەرنى، تۈرك خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. بۈگۈن بۇ يەردە بىز ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز».
ئىشىل ئەسگىن خانىم باياناتىدا 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى 4 يىلدا بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدە تېخى تۈرك پۇقراسى بولالمىغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا دەرھال پۇقرالىق بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قوللىرىدا «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، جازا لاگېرلىرى تاقىۋېتىلسۇن، تۈركىيە ئۇخلىما قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروپونىمىزنى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئىشىل ئەسگىن خانىم ۋە تۇلپار مىللەتچىلەر تەشكىلاتى رەئىسى ۋولقان قاراداۋۇت ئەپەندى ۋە بەزى نامايىشچىلارغا ئۇزاتتۇق. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇلى ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ نامايىش ئارقىلىق 30 تەشكىلات 5 نەشرىيات ئورگانىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىشىل ئەسگىن خانىم بۈگۈنكى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ھەر خىل تېمىلاردا داۋاملىق بۇنداق ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ، ئەمما ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن داۋاملىق بۇنداق پائالىيەتلەر بولمايدۇ. بىز مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچىمىز».
12-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا بۇرسا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراقتىكى تۈركمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئىسام ئابدۇلقادىر ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، پائالىيەتتىن كېيىن ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بەك ياخشى پائالىيەت بولدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستانلىق، قازاقىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزمۇ قاتناشتى. بىز ئىراقنىڭ كەركۈك ۋە مۇسۇل ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن تۈركمەنلەرمۇ قاتناشتۇق. ھەممىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بايان قىلىشتۇق. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئاخىرغىچە قوللايمىز. خىتاينى ھەر يەردە ھەر دائىم ئەيىبلەيمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچە ئۇلارنى قوللايمىز».
تۇلپار مىللەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋولقان قاراداۋۇت ئەپەندى «بۈگۈن مەقسىتىڭلارغا يەتتىڭلارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىمىز ياخشى ئۆتتى. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ تەشكىلاتلار داۋاملىق بىر يەرگە جەم بولۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلىمىز».
بۈگۈن، يەنى 12-ئاپرېل كۈنى ئەنقەرە ئۇلۇس مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 5 نەشرىيات بىلەن 30 ئاممىۋى تەشكىلات بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئايرىم-ئايرىم پائالىيەت ئېلىپ بارغانىدى.