ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.12.14
ayallar-doklati-01 مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا 2023-يىللىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسى. 2023-يىلى 10-دېكابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا 2023-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىندى ۋە 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.

بىز بۇ دوكلات توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوكلات ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدىكى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان 11 مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلار: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەت سىياسىتى، خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ ئاياللارغا كۆرسەتكەن تەسىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارغا يۈرگۈزۈلگەن بېسىم سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى، دىنى ھەم مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، مەجبۇرىي نىكاھ ۋە مىللەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆيلەرگە ئەۋەتىلگەن خىتاي مەمۇرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئايال لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن پەرزەنتلەر» دېگەن تېمىلاردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ دوكلات تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بۇ دوكلاتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنيا جامائىتىگە كۆرسىتىش بولۇپ، بۇ دوكلاتنى تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا تەييارلىدۇق. ھەم مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سۇندۇق ھەم دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىش بىلەن بۇ دوكلات ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈركىيە خەلقىگە چۈشەندۈرگەن بولدۇق».

35 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بەك ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا 2023-يىللىق دوكلاتىنىڭ مۇندەرىجىسى. 2023-يىلى 10-دېكابىر، ئىستانبۇل
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا 2023-يىللىق دوكلاتىنىڭ مۇندەرىجىسى. 2023-يىلى 10-دېكابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. يەنە شۇنداقلا ھازىر دۇنيادا ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان ھەم تەكىتلىنىۋاتقان بىر ۋاقىت بولغاچقا ئاياللارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ تۇرۇپ مۇشۇ قىرغىنچىلىقنىڭ كۆلىمىنى ھەم تەسىرىنى دوكلات قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن».

بۇ دوكلاتنىڭ خۇلاسىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «نۆۋەتتە، خىتاي دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ قوپۇشقا مەجبۇرلاش، دۆلەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى بىلەن كىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر خىل تېببىي مۇداخىلىلەر ئېلىپ بېرىش، خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىشقا ئۇچراش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىشقا زورلاش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش يېشىدىكىلەرنى ناچار شەرتلەر ئاستىدا مەجبۇرىي ئىشقا سېلىش ئۈچۈن زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي تۇتۇش، ئىرقچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىش، ئايرىمىچىلىق قىلمىشلىرى يۈرگۈزۈلمەكتە»

بۇ دوكلاتنى ئوقۇپ چىققان تۈركىيەدىكى يېتىملەر ۋەخپىسى رەئىسى مۇرات يىلماز ئەپەندى، بۇ دوكلات ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى توغرىسىدا تەييارلىغان بۇ دوكلاتى ئۈچۈن ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن. دوكلاتنى كۆرۈپ چىقتىم، بۇنى كىشىلىك ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر جەھەتتە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، قىممەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەسەر دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بۇنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلىرىغا، ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىگە يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم».

ئابدۇلئەھەد ئۇدۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىللىق ئۇيغۇر ئاياللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى نەشر قىلىپ تارقاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» 2019-يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا ھەم قانۇنىي ھەم ئىلمىي بىر شەكىلدە دوكلات تەييارلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ھەم خەلق ئاممىسىغا سۇنۇش بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇلار ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئاياللار توغرىسىدا بىر قانچە دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم تېخىمۇ سىستېمىلىق تولۇق شەكىلدە ئۇيغۇر ئاياللار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلىغان.

بىز يەنە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فەيزا پىنار ياشار خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. فەيزا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا مەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ۋەزىپىگە قاتناشتىم، مەن سىياسەتشۇناسلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ھازىر ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بۆلۈمىدە ماگىستىرلىق بويىچە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىمەن. بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدىكى ھەر خىل مەنبەلەرنى كۆزدىن كەچۈردۈم. بۇ ساھەدە خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار ۋە ئوتتۇرىغا چىققان پاكىتلىق ماتېرىياللار، خەۋەر مەنبەلىرى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىدىكى گۇۋاھچىلار بولۇپ ھەر خىل مەنبەلەردىن پايدىلاندۇق، بۇ جەھەتتە تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردىمۇ مەنبەلەر تاپتۇق، ئوخشاش ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ۋە لاگېرغا قامالغان ئايال شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن پايدىلاندۇق. ئۇلار بېشىدىن ئۆتكەن پاجىئەلەر، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقلارنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇ رايوندا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى ۋە ئۇ سىياسەتلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ئاياللارنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ بۇ دوكلاتنى تەييارلىدۇق. دوكلاتنى تەييارلىغاندىن كېيىن نەشر قىلىپ تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىنمۇ پايدىلىنىپ تارقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.