«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەر» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.05.08
Uyghur-Women-Activists «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەر» دېگەن كىتاب 2024-يىلى 21-مارت كۈنى نەشردىن چىقتى.
Photo: RFA

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەر» ناملىق ئون ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىنىڭ كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان يېڭى كىتاب 21-مارت كۈنى نەشىردىن چىققان.

مەزكۇر كىتاب كانادالىق جەمئىيەتشۇناس سۇزان پالمىر(Susan J. Palmer)، كانادادا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى دىلمۇرات ماھمۇت ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن قاتارلىق 3 نەپەر ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان.

كىتاب ھەققىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، ئاپتورلار 2020-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زىيارەت قىلغان. كىتابتا كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەت، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ياشلىق دەۋرىدە يۈز بەرگەن بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكى، ئىدېئولوگىيەسى، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىق كىملىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان دىنىي، سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئامىللار ئاساس قىلىنغان.

كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن سۇزان پالمىر خانىم كىتابىنىڭ روياپقا چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2019-يىللىرىدا ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادىكى دوستلىرىمدىن خىتايدىكى لاگېرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن ماقالىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن شۇنداق ھەيران قالدىم، چۈنكى ئوقۇغانلىرىم، مەن خىتايغا بارغاندا كۆرگەنلىرىم بىلەن تامامەن ئوخشىمايتتى. مەن 2019-يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدىكى بىر مەكتەپكە لېكسىيە سۆزلىگىلى بارغان. ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارغا بىر مېھمان بولغاچقا، ئۇلار شۇ چاغدا مېنى چىرايلىق يەرلەرنى ساياھەت قىلدۇرغان ئىدى. مېنى مۇزېيلارغا، تىياتىرلارغا ئېلىپ بارغان ئىدى، كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسى بەك ياخشى ئىدى. كاناداغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوستلىرىم ئەۋەتكەن ماقالىلەرنى ئوقۇپ راستىنلا چۆچۈپ كەتتىم. مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر دوكتورانت دىلمۇرات مەھمۇت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم. بىز بىللە مۇھاجىرەتتىىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارەت قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھېكايىسى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ چېگراسىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چەت ئەلگە، يەنى ئۆزىگە يات بولغان غەربكە كېلىشى قەيسەرلىك تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتچى بولۇشنى تاللىشى، تېخىمۇ زور بەدەل قىلىدىغان بىر ئىش.»

كىتاب ئاپتورلىرىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ئەپەندى، كىتابنىڭ يېزىلىشى ۋە كىتابقا ھايات ھېكايىسى كىرگۈزۈلىدىغان ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ تاللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات باردى.

مەزكۇر كىتابتا ھايات ھېكايىسى سۆزلەنگەن ئۇيغۇر ئايال سىياسىي پائالىيەتچىلەر رەت تەرتىپى بويىچە زۇبەيرە شەمسىدىن، روشەن ئابباس، رەھىمە مەھمۇت، رۇقىيە تۇردۇش، ئارزۇ گۈل، رازىيە مەھمۇت، دىلنۇر رەيھان، گۈلچېھرە خوجا، زۇمرەت داۋۇت ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدا ئوينىغان مۇھىم رولى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەردىكى رولى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

كىتاب ئاپتورلىرىدىن دىلمۇرات ئەپەندى ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ھەققىدە توختىلىپ، بۇ كىتابتىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ ھايات ھېكايىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلانمىغانلىقى، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان كۈندىن بۇيان مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىنىڭ ئۆزىگە بەك تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ باش سۈرىتى بېرىلگەن. مېھرىگۈل تۇرسۇن رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىنكى ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىشتىكى ئازابلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ يەنە لاگېردا بىللە تۇرغان ئاياللارغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىۋاتقان ئازابىنى ئاڭلىتىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇزان پالمىر خانىم كىتابىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەرىپى ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابتا باشتىن-ئاخىر ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرلا يېزىلمىغان، كىتابتا يەنە شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەر يەر ئالغان. چۈنكى زىيارەت قىلىنغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇرۇن خىتايدىن ئايرىلغان. ئەلۋەتتە، ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنى ھېس قىلغان، ئەمما قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن. ئۇلار ۋەزىيەت بەك يامانلاپ كېتىشتىن بۇرۇن خىتايدىن چىقىپ كەتكەن. چىققاندىن كېيىن يۇرتىدا قالغان قېرىنداشلىرىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ھاياتىنى سىياسىي پائالىيەتچىلىككە ئاتىغان.»

زۇبەيرە شەمىسىدىن خانىم، مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش قىز-يىگىتلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار پىكىرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش سېپىگە ياشلارنىڭ قېتىلىشى ۋە ھەتتا ياشلارنىڭ مىللىي دەۋانى قولغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىتاب ئاپتورلىرى ۋە كىتابقا ھايات ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم ئايال پائالىيەتچىلەر زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىغا بولغان ھۆرمەت ئېھتىرامىنى يوللىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.