خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارا كۈرەشتە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىماقتا

0:00 / 0:00

«21-ئەسىردە ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر قارا داغ» دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى 8-مارتتىكى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان ئۇيغۇر ئايال لاگېر شاھىتلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارا قىلماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشالار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 1-مارت خىتاينىڭ لاگېرلاردا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارىغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە باشقا ئۇيغۇر ئايال شاھىدلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق ئەيىبلەندى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى كونترول قىلىشمۇ ياكى ئاياللار دۈشمەنلىكىنىڭ خىتاي دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشمۇ؟» دەپ تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن ۋاشنگتونغا كېلىپ داۋالىنىۋاتقان تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن «بايرام» ئەمەس بەلكى قورقۇنچ لۇق «لاگېر» نى ئەسلىتىدىغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى ئۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن لاگېرغا دەل 2018-يىلى 8-مارت، يەنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە چاقىرتىلغان ئىكەن.

تۇرسۇنئاي قاچانكى ئۇيغۇر ئاياللىرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ خورلۇق ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان بارلىق ئاياللار قۇتۇلمىغۇچە، ئۆزىگە بايرام بولمايدىغانلىقىنى ۋە شۇ كۈنگە يەتكۈچە كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرسۇنئايغا ئوخشاش ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدلىرىدىن 2019-يىلى ئائىلىسى بىلەن پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكاغا كەلگەن زۇمرەت داۋۇت جازا لاگېرلىرى ھەقىقدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا مەڭگۈلۈك تۇغماس قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقانلىرىنىڭ بىر قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بىر مىللەتنى سىستېمىلىق يوقىتىش ۋە نەسلىنى قۇرۇتۇشنىڭ قەبىھ بىر پىلان ئىكەنلىكىنى پولاتتەك ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن زۇمرەت خىتاينىڭ بىۋاستە ۋۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. ئەمما زۇمرەت يەنىلا ئاخباراتلارغا، كىشىلىك ھوقوق تەپشىلاتلىرىغا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرىنى پاش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتنىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئەسلىدىن بار بولغان جاسارەت ۋە پىداكارلىقنى قايتا نامايەندە قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر شاھىدلىرىغا توختاۋسىز ۋە قاراتمىلىق ھالدا شەخسىي ھۇجۇم قىلىشىدىن لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭ خەلقئارانىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە ۋە شۇ سەۋەبلىك خىتايغا قارشى يېتەرلىك بېسىم پەيدا قىلىشىدا ئوينىغان رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. گەرچە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-مارت ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتاي يەنە يېقىندا «مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ھېكايىلىرى» ناملىق مېھرىگۈلگە شەخسىي ھۇجۇم ۋە ھاقارەت قىلىغان ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭدا مېھرىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى، ساقچىلار ۋە دوختۇرلار مېھرىگۈلگە قارشى سۆزلىتىلگەن ئىدى. بۇ فىلىمدە مېھرىگۈلنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بۇ خىل ھۇجۇملارغا تۇنجى قېتىم ئۇچرىشى ئەمەس. لېكىن خىتاينىڭ بۇ قېتىممۇ پاكىت ئويدۇرۇش تاكتىكىلىرى ۋە ساختىلىقلىرى مېھرىگۈلنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ توختاۋسىز ھۇجۇملىرىدىن ئۆزىنىڭ، زۇمرەت داۋۇتنىڭ ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتايغا بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غالجىرلارچە ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقان پىداكار ئايال شاھىدلارنى ھىمايە قىلىشقا، ئۇلارنىڭ شەرىپىنى قوغداش ئارقىلىق يەنىمۇ كۈپلىگەن پىداكار ئۇيغۇر ھەدە-سىڭىللارنى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.

«مەجبۇرىي ئەمگەك»، «تۇغۇت چەكلەش»، «سېستىمىلىق باسقۇنچىلىق»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قاتارلىقخىتاينىڭ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاشكارلىغان ئۇيغۇر ئايال لاگېر شاھىدلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، قەلبىنۇر سىدىق، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە قاراتقان ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە ھۇجۇملىرىغا قارىماي، لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەن قورقۇنۇچلۇق قىسمەتلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى ئىسپاتلىق ئاڭلاتتى. خىتاينىڭ ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە تەرىپىدىن «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش بىلەن قاتتىق ئەيىبلىشىگە تۈرتكە بولدى.

بۇ 3 نەپەر قەيسەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ جاسارىتى ھەممىمىزگە ئىلھام بولغۇسى. رادىيومىز نامىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمىز!