ئامېرىكا ئايال پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ۋە ئاياللار تارىخى ئېيى (Women History Month) مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئايال دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇلار 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى جەريانىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاتېرىن كورتىز ماستو، ئاۋام پالاتا ئەزاسى لاۋرېل لى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بىلاكبېرننىڭ تاشقى ئىشلار ۋە قانۇن چىقىرىش خادىملىرى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى نانېتېت باراگان قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ۋە ئاياللار تارىخى ئېيى (Women History Month) مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 2023-يىلى مارت، ۋاشىنگتون.

ئۇلار كۆرۈشۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، جازا لاگېرلىرىدىكى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ھەر قايسى ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكاغا يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ۋە ئاياللار تارىخى ئېيى (Women History Month) مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 2023-يىلى مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ۋە ئاياللار تارىخى ئېيى (Women History Month) مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 2023-يىلى مارت، ۋاشىنگتون. (UAA)

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى لاۋرېل لى خانىم ئۆزىنىڭ تىۋتتېىر ھېسابىدا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتنى قىسقا بىر يازما بىلەن ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى كۈنىدە مەن بۇ جاسارەتلىك لاگېر شاھىتلىرىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن ئاياللار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللايمەن».

لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت خانىم نەچچە كۈندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئاياللار بايرىمى كۈنىدە لاگېردا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىنى ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىغا ئاڭلىتىلغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇ مارت ئايلىرىدا لاگېرغا سولانغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارادا ئاياللار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ۋە ئاياللار تارىخى ئېيى (Women History Month) مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 2023-يىلى مارت، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 20-يانۋاردىن 22-يانۋار كۈنىگىچە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش» پائالىيىتىنى ئىلىپ بارغانىدى. ئەلفىدار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.