ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك دۇنياسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا خەۋەر ئىشلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيەدىكى شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئايدىن تاش 8-ئاۋغۇست كۈنى قازا تاپقان. قازا تېپىش سەۋەبى قانۇن دوختۇرلىرى تەرىپىدىن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئايدىن تاش 10-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى يۇرتى بالىقكەسىر ۋىلايىتىنىڭ ئايۋالىق يېزىسىدىكى ھايرەتتىن پاشا جامەسىدە جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن يەرلىكىگە قويۇلدى.
قىرىم تاتار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يازغۇچى ئايدىن تاشنىڭ جىنازا نامىزىغا مۇخبىرلار، سىياسىيونلار، تۈركىيەدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپلىگەن كىشى قاتناشتى.
جىنازا نامىزىغا قاتناشقان بىر قىسىم مۇھىم شەخسلەر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئايدىن تاش توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قىرىم يېرىم ئارىلى، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ساندا خەۋەر ئىشلەپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلەشتى.
ھازىرغىچە قىرىم تاتار مىللىي پارلامېنتى، دۇنيا قىرىم تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى رەفات چۇباروف ئەپەندى، ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇر مەھكىمىسى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركىي خەلقلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرىم تاتارلىرى جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى.
بىز بۇ توغرىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەرھۇمنى يېقىندىن تونۇيدىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
قىرىم تاتار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئايدىن تاش ئەپەندى بۇرۇن خەلق تېلېۋىزىيەسىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا بولسۇن كېيىن قىرىم تاتار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بولسۇن ياكى باشقا گېزىتلەردە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا، بولۇپمۇ لاگېر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنقەرەدىكى گرەئەن پارك مېھمانخانىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئايدىن تاش ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىپ مېدال ۋە تەقدىرنامە تەقدىم قىلغانىدى. بۇ مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم ئايدىن تاشنىڭ خەلق تېلېۋىزىيەسى بىلەن قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئىزچىل ھالدا ھەپتىدە 2-3 قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى، سول ئىدىيەنى ياقلايدىغان خەلق تېلېۋىزىيەسىگە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانى چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتقانلىقىنى، دەۋاغا زور تۆھپە قوشقان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئايدىن تاش ئەپەندى 1980-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخباراتچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، ژۇرنالىستلىق ھاياتىنى باشلىغاندىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن سىرت خەۋەر ۋە ئوبزور يېزىپ گېزىتلەردە ئېلان قىلغان. ئۇ خەلق تېلېۋىزىيەسى، يېڭى چاغ گېزىتى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قىرىم تاتار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بىر ژۇرنالىست ئىدى.