ئايكۆل ۋەقەسىدە يارىدارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەن دوختۇر تۈرمىدىن چىقىپ جان ئۈزگەن

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچتۇرپان ئاچاتاغ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، 40 ياشلار چامىسىدىكى تۇرداخۇننىڭ ئالدىنقى ئايدا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە بىر ئۇچۇر تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، تۇرداخۇننىڭ فامىلىسى مەخمۇت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2013-يىلى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ئايكۆل ۋەقەسىدە يارىلانغان بىر گۇماندارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 8 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە كېسەل ھالەتتە جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ، ئالدىنقى ئايدا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.

ئىجتىمائىي تارتقۇلاردىن مەخسۇس ئۆلۈم-يېتىم ئۇچۇرلىرىنى توپلاۋاتقان «نۇر خېنىم ئۇيغۇر» نامىدىكى بىرەيلەننىڭ فەيسبوك ھېسابىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپان ئاچاتاغ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى تۇرداخۇن بۇ يىل 18-سېنتەبىر كۈنى ۋاپات بولغان. رەسىمىدىن 40 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان تۇرداخۇننىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا ۋە كېسەل ھالىتىدە تارتىلغان ئىككى پارچە رەسىمىدىكى پەرق فەيسبوك كۆرەرمەنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىز تۇرداخۇننىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇچتۇرپاندىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۇچتۇرپان ئاچاتاغ يېزىلىق ساقچى خادىملىرى، گەرچە، تۇداخۇننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاچاتاغدا تۇرداخۇن دەپ بىر دوختۇرخانا باشلىقى بولغانلىقىنى رەت قىلمىدى. ئاچاتاغدىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرداخۇن ئۆتكەن يىلى تۈرمىدىن جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئېغىر كېسەل ھالەتتە چىققان ۋە سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمەستىن بىر يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا ۋاپات بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاچاتاغدىكى بىر كەنت ساقچىسى، تۇداخۇننىڭ بىر يىل ئاۋۋال تۈرمىدىن چىققانلىقى ۋە تۈرمىدىن چىققاندا بۆرىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭالماس ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغان تۇرداخۇن، تۈرمىگە ساق-سالامەت كىرىپ كەتكەن ۋە تۈرمە ھاياتى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن بۆرەك كېسىلى بىلەن جان ئۈزگەن.

ئاچاتاغدىكى يەنە بىر كەنت ساقچىسى تۇداخۇننىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. دېيىلىشىچە، تۇرداخۇننڭ بىر جىنايەت گۇماندارىنى داۋالىغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» ئەيىبلىمىسى بىلەن كېسىۋېتىلگەن. ئەمما بۇ خادىم تۇرداخۇننىڭ قايسى گۇماندارنى قەيەردە داۋالىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئاچاتاغدىكى بىر كەنت سېكرېتارى، تۇرداخۇننىڭ ئاقسۇدا يۈز بەرگەن «8-ئاۋغۇست» ۋەقەسىدە بىر گۇماندارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرداخۇننىڭ فامىلىسى مەخمۇت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان دېلومۇ مەخپىي ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، ئۇنىڭ مەزكۇر گۇماندارنى نەدە داۋالىغانلىقى جەمئىيەتكە مەلۇم بولمىغان. سېكرېتارنىڭ دېيىشىچە، تۇرداخۇن مەخمۇت گۇماندارنى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى داۋالىغان، ئىككىنچى كۈنى گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغاندا، ئۇمۇ پاش بولۇپ، قاماقخانىغا ئېلىنغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، «8-ئاۋغۇست ۋەقەسى» 2013‏-يىلى ئاقسۇ ئايكۆلدە يۈز بەرگەن. روزا ھېيت ھارپا كۈنى ساقچىلارنىڭ مەسچىت تەكشۈرۈشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ۋە ۋەقەدە ساقچىلار قورالسىز ئاممىغا ئوق چىقىرىپ 3 كىشىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشىگە ۋە كۈپ ساندا كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان؛ يارىلانغانلاردىن 10 نەچچىسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، بىر قىسمى قېچىپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالغانىدى.