ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردا ئۆلگەن ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل ياسىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭغا قىزىنىڭ جەسىتىنىڭ يۈز قىسمىنىلا كۆرسەتكەن، بەدەننىڭ قالغان قىسمىنى كۆرسەتمىگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان پاتىگۈل ياسىن ساقچىلارنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەت قەغەزلىرىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان. بۇ چاغدا ساقچىلار پاتىگۈل ياسىننى قولىدىن تۇتۇپ رەسمىيەتلەرگە مەجبۇرىي ئىمزا قويغۇزغان.
مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قىزىنىڭ قورسىقىنى يېرىشقا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى، يەنى قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەتنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان. ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى پاتىگۈل ياسىن «ياق» دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قىزىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئۇنىڭغا ئەگەر غوۋغا چىقارمىسا، جەسەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىسا جەسەتنى كۆرسەتمەستىنلا كۆمۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چارىسىز ئانا قىزىنىڭ ئۆلۈم سىرىنى بىلىش مەقسىتىدە جەسەتنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان ۋە غوۋغا چىقارماسلىققا ۋەدە بەرگەن. ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭغا قىزىنىڭ پەقەتلا يۈز قىسمى كۆرسەتكەن، جەسەتنىڭ باشقا قىسمىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
ساقچىلار ئايتۇرسۇننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى سۈپىتىدە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سوراققا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. پاتىگۈل ياسىن قىزىنىڭ قېيىن-قىستاق بىلەن ئۆلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، ساقچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئىشەنمىگەن ۋە ساقچىنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەت قەغەزلىرىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. بۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ۋە تۈگىۋالغان بارماقلىرىنى مەجبۇرىي ئېچىپ قەغەزلەرگە ئىمزا قويغۇزغان. ساقچىلار يەنە خاتا كىملىك مەلۇماتلىرى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ۋاراق دوختۇر ئىسپاتنامىسىنى بەرگەن. ئەسلىدە ئالىي مەلۇماتلىق بولغان، خىتايچە، ياپونچە ۋە ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئايتۇرسۇن ئېلى بۇ ئىسپاتنامىدە «ساۋاتسىز» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر ئىسپاتنامىدە ئۇنىڭ تۆت خىل يۈرەك كېسىلىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسى ۋە ئايتۇرسۇننىڭ ئۆلۈم ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى. بىز ئايتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن قەشقەر خۇائەن ساياھەت شىركىتىدىن ئايتۇرسۇننىڭ ھايات مەزگىلىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم ئايتۇرسۇننىڭ ئىلگىرى بىرەر كېسىلى بارلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدە ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى پاتىگۈل ياسىنمۇ قىزىنىڭ ساغلام بىر ئايال ئىكەنلىكىنى، خىزمەتتە جانلىق ۋە ئاكتىپلىقىنى، ئىلگىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا قەشقەر خۇائەن ساياھەت شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دىرېكتورى ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى چاتما خەۋىرىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.