لاگېردا ئۆلگەن ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى: «جەسەت يەرلىككە ئېلىپ مېڭىلغاندا بىز ئۆيىمىزگە سولاپ قويۇلدۇق»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قىزى لاگېردا ئۆلگەن پاتىگۈل ياسىننى يەنە غوۋغا چىقارماسلىققا ماقۇل دېگۈزگەندىن كېيىن، جەسەتنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ بارغان. ئەمما جەسەت ئائىلىدە پەقەت بىر سائەتچە تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ساقچىلار ھازىدار مېيىت ئىگىلىرى ۋە قوشنىلىرىنى ئۆيىگە سولاپ قويۇپ چەكلىك ساندىكى كادىرلار بىلەنلا مېيىتنى زەرەتكارلىققا ئېلىپ كەتكەن. دائىرىلەر بۇ ئۆلۈمگە پەقەت 25 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تۆلەم بەرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى غوۋغا چىقارماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن جەسەت يۈندوڭ دوختۇرخانىسىدىن قەشقەر مەرھابا كوچا باشقارمىسىدىكى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ مېڭىلغان. ئەمما ئايتۇرسۇننىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ بەدەن قىسمىنى جەسەت ئائىلىسىگە ئاپىرىلغاندىن كېيىنمۇ كۆرەلمىگەن.

بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بىر خادىمى بىلەن ئايتۇرسۇننىڭ ئانىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ئاۋاز خاتىرىسى ھەققىدە مەزكۇر بىرلەشمىگە قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق. مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدە دېيىلىشىچە، مېيىتنى ئۇزىتىشقا يۇرت جامائىتى قاتناشتۇرۇلمىغان. پەتىگە كىرگەن يېقىن قوشنىلار مېيىت ئىگىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆي ئىچىگە سولاپ قويۇلغان. ئۇلارنىڭ ھويلىغا چىقىشى ۋە زەرەتكارلىققا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. مېيىتنى پەقەت چەكلىك ساندىكى كادىر ۋە ساقچىلارلا زەرەتكارلىققا ئېلىپ كەتكەن.

ئاۋاز خاتىرىسىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئايتۇرسۇننىڭ شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرى، پەقەت مېيىت يەرلىكىگە قويۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىنلا ھال سوراپ كېلەلىگەن. ئەمما ئۇلار ئايتۇرسۇننىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سورىغىنىدا ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. خۇائەن شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى ئايتۇرسۇن ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەزكۇر ئائىلىنى يوقلاپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردا جان ئۈزگەن 34 ياشلىق مۇئاۋىن دىرېكتور ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ ئائىلىسىگە خىتاي دائىرىلىرى جەمئىي 25 مىڭ سوم تۆلەم بەرگەن. ئايتۇرسۇن خىزمەتتىكى چېغىدا تۆلىگەن سۇغۇرتا پۇلىدىن 24 مىڭ سوم قايتقان. نەتىجىدە بىر تال قىزى، يەنى جان-جىگىرىدىن ئايرىلغان ئانا پاتىگۈل ياسىن جەمئىي 49 مىڭ سوم پۇل تاپشۇرۇۋالغاندىن باشقا ھېچقانداق ئىزاھات ۋە مەزكۇر ئۆلۈم ھەققىدە ھېچقانداق بىر تەپسىلىي ئۇچۇر ئالالمىغان. دائىرىلەر ئەڭ كاتتا مەرھەمەت سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىككىنچى كۈنى قىزىنىڭ تۇپراق بېشىنى كۆرۈپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇ رۇخسەتمۇ غوۋغا چىقارماسلىق ۋەدىسى بىلەن بېرىلگەن.

بىز ئايتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن خۇائەن ساياھەت شىركىتىنىڭ خادىمىدىن ئايتۇرسۇننىڭ خىزمەتتىكى مەزگىلدىكى سىياسىي ئىپادىسى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى ياكى پېتىنالمىدى.