مەلۇمكى، بەدەل ھەج يەنى ھەرەمگە بارالمىغان بىرى ئۈچۈن ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنداپ قويۇش ئىشى ئۆزىگە ھەج قىلىپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلىپ قويۇپ ئالەمدىن كەتكەنلەر ياكى قاتتىق ياشىنىپ قالغان ياكى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبلىك ھەرەمگە بارالمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغان بىر ئىشتۇر.
ئەمما، بۇ ئىش ئۆز دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ، كىشىلەر ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا مەككىگە ئازراق پۇل ئەۋەتىپ قويۇپ ھاجى بولۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار ھاۋالە قىلغان ھەج قىلىنسىغۇ مەيلى ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان بەدەل ھەج پۇللىرىدىن ئاران يۈزدە بىر پىرسەنتى قىلىنىپ قالغانلىرى «بەدەل ھەج قويمىچىلىرى» دەپ نام ئالغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى شۇ پۇللارنى ئەۋەتكەن خەلق بىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇلارنى مەككىدىكى قويمىچىلارغا پۇل ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش نىيىتى بىلەن مەككىدە 2013 - يىلى4 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆلىمالار سۆھبىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.
بۇ سۆھبەتتە مەككىدىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى بەدەل ھەج قويمىچىلىقىدىن بەزى ئۆرنەكلەرنى بەردى ۋە ئۆزلىرى كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان غەلىتە قۇيمىچىلىق ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇل بۇزماستىن، ئانا ۋەتەندە خەلقنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ ساۋابلىق تېخىمۇ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇلىنىشتىن مەزكۇر سۆھبەتنى ئاڭلىيالايسىز.