نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا يەنى 20-مارت كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانغان « باھار كېلىدۇ: شەرقىي تۈركىستاندىن ئەسەرلەر» ( Spring Will Come: Writings from East Turkistan) ناملىق خاتىرە توپلىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى. مەزكۇر خاتىرە توپلىمى «ئاسىيا پۇشتىلىق ئامېرىكالىق يازغۇچىلار كۇرسى» (Asian American Writers' Workshop) تەرىپىدىن ئىنگلىزچە نەشر قىلىنغان تور ژۇرنىلى بولۇپ، بۇ ژۇرنالغا جەمئىي 15 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن.
توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر ئارىسىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان يېتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلاردىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (قۇمتۇر) نىڭ «ئۆيگە قايتىدىغان يول»، ئابدۇرەھىم ئىمىن (پاراچ) نىڭ «كېلىدۇ»، مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) نىڭ «ئەگەر كېرەك بولسا» ۋە مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھنىڭ «قورشاۋدا قالغان ئۆيگە مەرسىيە» قاتارلىق شېئىرلىرى، ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان داڭلىق يازغۇچىلاردىن مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «باھار چىللايمەن» ناملىق شېئىرى ۋە مەرھۇم زۇنۇن قادىرنىڭ «پەرمان» ناملىق ھېكايىسى ۋە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە تاشلانغان تۇتقۇندىكى يازغۇچىلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «زېرىكىش» ۋە پەرھات تۇرسۇننىڭ «مېھمان» قاتارلىق شېئىرلىرى بار ئىدى. بۇ توپلامغا يەنە ئىككى قازاق يازغۇچىنىڭ ئەسىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ھەر بىر ئەسەرگە ئەفۋان تەخەللۇسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ياش رەسسام ئىلمىنۇر خانىمنىڭ رەسىملىرى كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەرلەرگە ئۆزگىچە ھۆسن قوشقان.

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇت خانىم ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەدرىجىي نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنەۋۋەر ئابدۇللا خانىم مەزكۇر توپلامنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر توپلامغا ئەسەر توپلاش، ئەسەرلەرنى تاللاش، ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلەش خىزمەتلىرىگە باشتىن-ئاخىرى قاتناشقان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. رەھىمە مەھمۇت خانىم مەزكۇر خاتىرە توپلىمىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خاتىرە توپلىمىنى چىقىرىش تەييارلىقى ئۆتكەن يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەسەر توپلاش، تاللاش، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمەتلىرى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەنگەن.
مۇنەۋۋەر ئابدۇللا خانىم مەزكۇر توپلامغا «باھار كېلىدۇ» دەپ نام بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بۇ توپلام نورۇز مەزگىلىدە ئېلان قىلىندى، ئىككىنچىدىن، بۇ توپلامدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹باھار چىللايمەن› ناملىق ئەسىرى بار. ئۈچىنچىدىن، ‹باھار كېلىدۇ› دېيىش ئارقىلىق، ‹بىز مەڭگۈ قەھرىتان قىشتا ئۈششۈۋەرمەيمىز، ھامىنى بىر كۈنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە باھار كېلىدۇ ۋە خەلقىمىز ئەركىنلىككە چىقىدۇ، › دېگەننى ئىپادىلىمەكچى. شۇڭا ‹باھار كېلىدۇ› ئۈمىد، قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىك دېگەندەك بارلىق ياخشى نەرسىلەرنىڭ خەۋەرچىسى.»

رەھىمە مەھمۇت خانىم مەزكۇر توپلامنى چىقىرىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ مەزكۇر خاتىرە توپلىمىدىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەسۋىرلەۋاتقاندەك ئارقىدا قالغان، قالاق مىللەت بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان مىللەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرالايدىغانلىقىدەك تالانتىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەي، تەڭرىنىڭ تېغى
كەينىڭدە ئۆلۈكلەر
ئالدىڭدا تەشۋىشلىك سۈكۈت
قانچىلىغان دەريالار ئاقماقتا جىلغاڭدا قىپقىزىل؟
ئەي، بويسۇنمىغان ھېسلارنىڭ ۋەھشىي بۆرىسى
ھۇۋلىشىڭدا قۇتۇلارمۇ زېمىن؟
- «ئىلتىجا»، ئىلمىنۇر ئەفۋان
مەن كېتىۋاتىمەن
كۆز يېشىمدا ئاقمىغان تېنىمنى كۆتۈرۈپ
ئۈنگەن يېرىمگە
نەقەدەر گۈزەل-ھە
يوللار ئىچىدە
قايتىدىغان يول پەقەت ئۆيىگە
- «ئۆيگە قايتىدىغان يول»، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (قۇمتۇر)
ئىلمىنۇر خانىم «ئىلتىجا» ناملىق شېئىرى ھەققىدە توختىلىپ، 2017-يىلى ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندە، تەڭرىتاغ قوينىدىكى ۋەتىنىنىڭ بالدۇرراق ئازادلىققا چېقىشىنى ئۈمىد قىلىپ يازغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە بۇ توپلامغا ئۆزىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياقتۇرغان ئەسىرىنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «ئۆيگە قايتىدىغان يول» ناملىق ئەسىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچ ئايالنىڭ تونۇر بېشىدا نان يېقىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
رەھىمە مەھمۇت خانىم مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئىلمىنۇر خانىم يازغان «ئىلتىجا» ناملىق شېئىرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
بۇ خاتىرە توپلىمىدا 1940-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يېزىلغان شېئىرلاردىن تارتىپ، مۇھاجىرەتتە ئۆتكەن يىلى ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان شېئىرلارمۇ بار بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن. توپلامدىكى ئەسەرلەردە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەسىرى، ئۆتمۈشتىن ئېلىنغان ساۋاقلار، كەلگۈسىگە بولغان ئاگاھلاندۇرۇشلار ئىپادىلەنگەن. شۇنداقلا روھى ئىسيان، نىشاندىن ۋاز كەچمەسلىكتىكى قەتئىيلىك ۋە ئەركىنلىككە ب ولغان ئۈمىد تەسۋىرلەنگەن.
زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر خانىم مۇنداق دېدى: «ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تور بېتىمىزگە كېرىپ بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە دوستلىرىغا تارقىتىش ئارقىلىق بىزنى قوللىسا قىلغان ئەمگىكىمىزدىن بىزمۇ رازى بولىمىز. بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى تونۇپ، بىز بىلەن ئالاقىلاشقانلار بار. بۇ بەك خۇشاللىنارلىق نەتىجە. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان خەۋەرلەر ئارقىلىق ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلەر ئارقىلىق تونۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە بۇ بەك مۇھىم.»
بىز مەزكۇر خاتىرە توپلىمى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن «ئاسىيا پۇشتىلىق ئامېرىكالىق يازغۇچىلار كۇرسى» (Asian American Writers’ Workshop) ھەيئىتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن زىيارەت كېيىنگە قېتىمغا قالدۇرۇلدى.
مۇنەۋۋەر خانىم ئۆزلىرىنىڭ «ئاسىيا پۇشتىلىق ئامېرىكالىق يازغۇچىلار كۇرسى» (Asian American Writers’ Workshop) ھەيئىتى بىلەن ھەمكارلىقنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ قېتىملىق خاتىرە توپلىمىدىكى ئەسەرلەرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولسا، خاتىرە توپلىمىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنى چىقىرىشنى ئويلىشىدىغانلىقنى بىلدۈردى.