يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا، تۇرپاندا 80 ياشلىق سابىق ساقچى باشلىقى ھەبىبۇللا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ساقچى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ ئائىلىسىدىن جەمئىي 7 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەمما بۇ ئۇچۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن ئىدى. 23-ئاپرېل كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر ئائىلىدىكى تۇتقۇنلاردىن باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر ئائىلىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەزاسى مەلىكىزات ھەبىبۇللانىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق ساقچىخانا باشلىقى، 80 ياشلىق ھەبىبۇللا ئابدۇللا، تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىلىق ساقچىخانىسىدا 30 يىلچە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن 1997 -يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇ 2017 -يىلى، 4 -ئايدا 75 ياشلىق ئايالى بۈمەريەم تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە نامەلۇم خاتالىقى سەۋەبلىك «تەربىيەلەش» مەركىزىگە ئەكېتىلگەن. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تۈرمە ۋە ساقچىخانىلاردا ئىشلەۋاتقان پەرزەنتلىرى ئالىم ھەبىبۇللا ۋە مېھراي ھەبىبۇللا؛ ئارقىدىن مەكتەپ ۋە شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان پەرزەنتلىرى ئايگۈل ھەبىبۇللا، مەمەت ھەبىبۇللا ۋە باھارگۈل ھەبىبۇللارمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن.
ساقچى ساھەسىدە ئۇزۇن ۋە ئاكتىپ ئىشلىگەن، ھەتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ قېتىملاپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولساقمۇ، دائىرىلەر بۇ ھەقتە مەلۇم بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. 22-ئاپرېل كۈنى تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بۇ ساقچى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.
ساقچى ساھەسىدىكى كۆپىنچە خادىملار، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن يەنىلا ئۆزىنى تارتتى. بىز تۇرپان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىكى مەلۇم بىر خادىمدىن ئۆزىنىڭ بۆلۈم باشلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مەزكۇر باشلىقنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتتىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەھكۇم باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ دېلوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرى بويىچە، يۇقىرى سوتتىن كەلگەن خادىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ خادىم باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ دېلوسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۇرپانغا بۇ دېلو سەۋەبلىك كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ دېلوسىنىڭ قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە رەھبىرىي خادىملار بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تېخى خۇلاسىسى چىقمىغانلىقىنى ئىشارەتلىدى. بۇ خادىم تېلېفونىمىزنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىز مەزكۇر ساقچى ئائىلىسى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىزچىل گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان مەلىكىزات ھەبىبۇللا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. مەلىكىزاتنىڭ، تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە چوڭ ھەدىسى لاگېردا بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئاكىسى-تۈرمە خادىمى ئالىم ھەبىبۇللا بىلەن ساقچى ھەدىسى مېھراي ھەبىبۇللا ۋە ئاكىسى مەمەت ھەبىبۇللا 3 يىللىقتىن كېسىلگەن؛ بىر ستراخىۋانىيە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان كىچىك ھەدىسى باھارگۈل ھەبىبۇللا بەش يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
تېلېفونىمىز قايتا باغلانغان مەزكۇر يۇقىرى سوت خادىمى، باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ تۇرپانغا باھارگۈل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىنى كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلىكىزات ھازىرغا قەدەر بۇ تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، يەنى قاماقخانا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالماي كېلىۋاتقانىدى. مەزكۇر خادىم، باھارگۈل ھەبىبۇللا بىلەن ئېكراندا سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تېخىچە قاماقخانا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئىلگىرىكى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇتقۇنلار، سوت ئورگانلىرىنىڭ قارارى بىلەن ئەمەس، سىياسىي قانۇن ئىشخانىلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنماقتا. سوتسىز چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈملەر، مەھكۇم ئائىلىلىرىگە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلمەكتە.
بىز مەزكۇر خادىمدىن باھارگۈل ھەبىبۇللا ئۈستىدىن سوتنىڭ قايتا قاچان ئېچىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭ پەقەت «مۇزاكىرە قىلىنىش» ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى.
مانا بۇ جاۋاب، باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىليونلارچە تۇتقۇنغا ئوخشاشلا سىياسىي قارار ۋە مۇزاكىرە بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
بۇ ئۇچۇرلاردىن يەنە، كۆپ ساندىكى مەھكۇملاردىن پەرقلىق ھالدا، باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ نارازىلىقىنىڭ دىققەت ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ ئۇنىڭ ساقچى ئائىلە تاۋابىئاتى بولۇشتەك ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى ۋە ياكى تۈركىيەدىكى سىڭلىسى مەلىكىزات ھەبىبۇللانىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن باھارگۈل ھەبىبۇللا 4 ۋە 9 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئانىسىدۇر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا 30 يىللىق ساقچى باشلىقى ھەبىبۇللا ئابدۇللانىڭ تۇتقۇندىكى 4 پەرزەنتىدىن باھارگۈل ھەبىبۇللانىڭ كېسىلگەنلىكى ۋە باھارگۈلنىڭ بۇ ھۆكۈمگە قارىتا نارازىلىقىغا قايتا قارىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00