ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.12.26
yasimen-baku ياسېمىن قويۇنجۇ خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەزەربەيجانلىقلار خىتاينىڭ باكۇدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2019-يىلى 24-دېكابىر
RFA/Erkin Tarim

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. 24-دېكابىر كۈنى ئەزەربەيجان ئىلىملەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ياسېمىن قويۇنجۇ خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەزەربەيجانلىقلارخىتاينىڭ باكۇدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئۇلار باكۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قارا گۈل قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىز نامايىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان دوكتور ياسېمىن قويۇنجۇ خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ 24-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قىلدۇق. ئەزەربەيجاندا ھازىر شەھەر باشلىقلىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. يېقىندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلىمى بار.  ۋەزىيەت بەكلا جىددىي. بىز قىلغان نامايىش ئەمەلىيەتتە ئەزەربەيجاندىكى ھەممە خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ غىققان نارازىلىقى ئىدى، چۈنكى نامايىشتىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا تېلېفون قىلىپ رەھمەت ئېيىتتى. ھەتتا نۇرغۇن كىشى نامايىشقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.»

ياسېمىن قويۇنچۇ خانىم يېڭى يىلدىن كېيىن ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېڭى يىل بايرىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى چاقىرىشنى ئويلاۋاتىمىز. پۈتۈن پارتىيەلەر، ئاخبارات ئورگانلىرىنى چاقىرىپ يىغىنلار ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە مىللىي ھېسسىياتىمىز ۋە قەدىرىيىتىمىز ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ھازىر مىللىي غۇرۇرىمىز كۈچەيدى. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن بىر قاتاردا تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كىشىلەر تونۇپ يەتتى. شۇڭا بۇندىن كېيىن ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئەزەربەيجان بىر  تۈركىي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئەزەربەيجان ئاخباراتلىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش مىللەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ماقالىلەر كۆپەيمەكتە. ئۇنداقتا، يېقىن كەلگۈسىدە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلارمۇ؟

ياسېمىن قويۇنلۇ خانىم ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ پات يېقىندا خىتايغا قارشى بايانات بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر ئەزەربەيجان خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزسە توسمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى يېقىندا ئەزەربەيجان پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كېلەمدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيمەن. بۇ جەھەتتىن ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيمەن. لېكىن شۇنى دەپ قويماقچىمەنكى، ھەر قايسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزسە ھازىر ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى توسمايۋاتىدۇ. بىز خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغاندا بىزنىمۇ توسمىدى.»

ئىگىلىنىشىچە، بۇرۇن ئەزەربەيجاندىكى بەزى ياشلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئەمما زىيالىلار ۋە بىلىم ئادەملىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقىسى ئەزەربەيجان زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزەەن تۇنجى نامايىشى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.