ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان ھالدا دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق مۇھىم شەخسلەر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىگە ئىمزا قويدى.
ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سۆزچىسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رايىنخارت بۈتىكوفېر تەرىپىدىن 1-ئۆكتەبىر باشلىتىلغان «دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق مۇھىم شەخسلەر ئىمزا قويغان ئىدى.
مەزكۇر سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ «يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شاھىت بولۇپ كەلدى» ناملىق باياناتىدا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى قاتتىق ئەيىبلىنىپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەكىتلەنگەن ئىدى. باياناتتا يەنە خىتاي بىلەن تىجارىي ھەمكارلىقتا بولۇۋاتقان غەرب شىركەتلىرىگە قارىتا چارە كۆرۈشمۇ تەلەپ قىلىنغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «نايكىتىن زاراغىچە، ئۇنىكلودىن ئوپېلغىچە بولغان دۆلەت ھالقىغان 83 شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز يەنە ئۆزىمىز سايلاپ چىققان رەھبەرلىرىمىزنىڭ مۇمكىن قەدەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە تىزدىن قانۇن ماقۇللاپ بۇ خىل شېرىكلىكنى قانۇنسىز ھەم مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
باياناتتا ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي ئارىلىشىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتە باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بىز ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلەرنى تەكشۈرىدىغان بىر كومىسسىيۇن تەشكىللەپ، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ھەتتا خىتايغا جازا تەھدىتى سېلىپ بولسىمۇ، لاگېرلارغا كىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ تاقالغان دەرۋازىسىنى جىددىي ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم.»
«دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى فىرانسىيەدىكى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى دىلنۇر خانىمدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ پائالىيەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شاھىت بولۇپ كەلدى» ناملىق باياناتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى. باياناتتا بۇ خۇسۇستا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بىز ھەممىمىز ئۆز دۆلىتىمىزدىن دوزاقتىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى قوللاش، ئۇلارنىڭ غەيرەتلىرىگە ياردەمدە بولۇش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئايرىم بىر سىياسەت بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشىمىز ھەمدە شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشىمىز لازىم.»
باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش بۇ دۇنيادىكى كىملىكىمىزگە تەبىر بېرىشىمىزنىڭ بىر ئۇسۇلىدۇر. كىم بولغانلىقىمىز ۋە دۇنيادا كىم بولماقچى بولغانلىقىمىزنىڭ تەبىرىدۇر. بىز ئادالەتسىزلىك ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ ئومۇملىشىشىغا يول قويامدۇق ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىيلىقى ۋە ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت تەبىئىي بايلىقلىرىنى قوغداش يولىدا تەدبىر ئىزدەمدۇق؟ تەدبىر قوللانماقچى بولساق، بۇ دەل پۈتۈن ئالەمنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋاقىتتۇر.»
بايانات مۇنداق چاقىرىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «بۈگۈن بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپلىرى بويىچە تەلەپلىرىمىز ئۈچۈن قەتئىي رەۋىشتە ھەرىكەت قىلىدىغان كۈندۇر. بۈگۈن بىر خەلقنىڭ ياشاش ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۈندۇر.»
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخى شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا پارلامېنتىدىن باشلانغان بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى چەكلەش يولىدا بېسىلغان يەنى بىر ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق بۇ ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە گېرمانىيە، فىرانسىيە باشلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن 100 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى، شەھەر باشلىقلىرى، دېپلوماتلار، پەيلاسوپلار، جەمئىيەتشۇناسلار، ئىقتىسادشۇناسلار، سىياسەتچىلەر، سەنئەتكارلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئاۋاز قوشقان ئىدى.
0:00 / 0:00