23-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كۈنىدۇر. ھەر يىلى بۇ كۈندە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 23-ئاپرېل كۈنى كوجائەلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار بايرىمى پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن بىر گۇرۇپپا قاتنىشىپ، سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتكەن.
كوجائېلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 23-ئاپرېل ئۇيۇشتۇرۇلغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق بالىلار بايرىمىغا 47 دۆلەت ۋە رايوندىن 1100 نەپەر ئۆسمۈر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتە ھەر خىل نومۇرلارنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاي يۇلتۇزلۇك كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئوينىغان دولان ئۇسسۇلى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر كوجائېلى شەھەر باشلىقىغا ۋە كوجائېلى ۋالىيسىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان سەنئەت بۇيۇملار ھەدىيە قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شەمشىنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كوجائەلى شەھىرىدىكى بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
شەمشىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى گۇرۇپپىسى بۇ پائالىيەت داۋامىدا تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى بىلەن تونۇشۇش، دوست بولۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.
شەمشىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى كوجائەلىدىكى بىر قانچە يەرلىك ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرغان تۈرك ئائىلىلىرىگە ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن ئابدۇللاھ ئايۇپئوغلى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
23-ئاپرېل كۈنى يەنە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىدىن بىر گۇرۇپپا ئۆسمۈرلەر جەم بولۇپ، بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتنى خەلقئارالىق ئاڭ چۈشەنچە ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەخسۇس ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتتە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشى ئوقۇلغان ۋە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان. پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان. بۇ پائالىيەتتە خەلقئارالىق ئاڭ-چۈشەنچە ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەمىرخان ئايدوغمۇش سۆز قىلىپ، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئۆسمۈرلەرگە قاتتىق تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بۇ يەردە ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەر ۋە ئاياللارنى بىر ئاز بولسىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تۈركىيەدە مۇجادىلە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق روھى ئىلھام بېرىشنى خالىدۇق. تۈرك خەلقى ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېشىدا بولۇشنى ئىستەيدۇ.»
تۈركىيەنىڭ «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈر بالىلار پائالىيىتى توغرىسىدا «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر 23-ئاپرېلنى تەبرىكلىدى» دېگەن تېمىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ مەتبۇئاتلاردا خەۋەرلەر بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 1920-يىلى 23-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغان كۈن بولۇپ، كېيىن بۇ كۈن «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» دا دادىلىرى شېھىت بولۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن «مىللىي بايرام» قىلىپ بېكىتىلگەن.
0:00 / 0:00