ئىسوبېل ياڭ: يەسلىدە يەكشەنبىدىمۇ بالىلارنىڭ بارلىقىدىن پەرىشان بولدۇق

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.07.12
Isobel-Yeung-Vice-reporter-201907.jpg ۋايس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئىسوبېل ياڭ. 2019-يىلى ئىيۇل.
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى سۈرەتلەنگەن، «خىتايدىكى يوقىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار» ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم بىر نەچچە كۈندىن بېرى تارقىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غولغىلا قوزغىدى.

فىلىمنى يۇتۇبتىلا كۆرگەن ئادەم سانى بىر يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى. بۇ فىلىمنى ۋايس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تالانتلىق مۇخبىرى ئىسوبېل ياڭ ئۇيغۇر دىيارىغا خۇپىيانە بېرىپ ئىشلەنگەن.

ئۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ رايوندا كىرگەنلىرى ۋە بۇ فىلىم ئىشلەشكە سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان لاگېر سىياسىتىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، دەپ ئاتىدى. 

ئۇيغۇر رايونىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىڭىز سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

مەن خەلقئارا ۋە خىتايدا شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىغا 5 ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم، يەنى بۇ يىل يانۋاردا بىر قېتىم ۋە مايدا بىر قېتىم باردىم. 

خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، ئۇ يەردە مەيلى قەيەرگە بېرىڭ كەينىڭىزگە ئادەم چۈشۈۋېلىپ باشقىلارنى ئوچۇق-ئاشكارا زىيارەت قىلىپ مۇخبىر سۈپىتىدە خەۋەر ئىشلەش ئىنتايىن قېيىن. شۇڭا بىز ساياھەتچى سىياقىدا خۇپىيانە باردۇق. 

ئۇلار باشلاپ بارغان يەرگە بارسىڭىز سىزگە كۆرسىتىلىدىغىنى خۇددى ببچ، رويتېرس ۋە نپر لاردا خەۋەر قىلىنغىنىدەك سەھنىلەشتۈرۈلگەن تەشۋىقات ئويۇنلىرى.

شۇڭا بىز باشقىچىرەك ئۇسۇل بىلەن ئۇ يەردە ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان مۇتلەق تەقىب دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلارنى ئېلىش ھەمدە بۇ رېئاللىقلارنىڭ ئارقىسىدا بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بىلىپ بېقىش ئۈمىدىدە ئۇ يەرگە بارغان ئىدۇق.

بۇ يانۋاردا بىر قېتىم ۋە مايدا بىر قېتىم باردىم دېدىڭىز. بۇ ئارىدا نېمىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدىڭىز؟ 

ھەر ئىككى قېتىمدا ئوخشىمايدىغان رايونلارغا باردىم. بىرىنچى قېتىم ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە باردىم. ئىككىنچى قېتىم خوتەنگە باردىم.

ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەندەك تۇيۇلدى ۋە سەل تەشۋىش ھېس قىلدىم. كۆپ قېتىم توسۇلدۇق. مەيلى نەگىلا بارايلى سۈرەت تارتىش ۋە زىيارەت قىلىش ھەر جەھەتتىن قېيىن بولدى.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۋىتتېر يوللانمىڭىزدا بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور كۆلەملىك قاماش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى دەپسىز، بۇنى شەرھلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

بۇ، يەھۇدىيلار ئۇچرىغان چوڭ قىرغىنچىلىقتىن بۇيانقى ھەر قانداق بىر ئىرق ۋە دىنىي گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ زور كۆلەمگە تۇتقۇن قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ كۆلىمىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ب د ت تۇتۇلغانلار سانىنىڭ بىر مىليون ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى. يېقىنقى تەخمىنلەردە بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۇيغۇر رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ پايانى يوق. بۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى.

سىز فىلىمدا تىلغا ئالغان ھېلىقى دوستانە خىتاي دېھقان ئايال. سىز ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقنى سورىغان ئىدىڭىز. ئۇ ھەتتا خىتايچە ئورتاق تىلنىمۇ ياخشى سۆزلىيەلمەيدىكەن. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ، شۇ لاگېرلارغا قامالغان، دوكتور ۋە دۇنياغا تونۇلغان ئالىملارنىڭمۇ قالاق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىپ، ھېچ بولمىغاندا شۇ ئايالدەك سەۋىيەسىگە يېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەندە قانداق ئويلىدىڭىز؟ 

خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭدا خەۋپسىزلىك تەھدىتى بار، ئۇ چوقۇم دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە پىلانىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدا بولۇشى كېرەك، دېگەن ئوبرازنى يارىتىشتا ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىدىن بەك ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قىسىم زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكى تېررور تەشكىلاتلىرىغا قاتناشتى. 

ئەممە، مېنىڭچە خىتاي پەقەت ۋە پەقەت بۇنىڭدىكى تەھدىت ئامىلىغا بەكرەك ئېسىلىۋېلىپ، بۇ سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. ، مېنىڭچە بۇ، بۇنچىۋالا جىق ئادەمنىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. لېكىن ئۇلار بۇ تەھدىتنى يوغىنىتىپ كۆرسىتىپ، نەتىجە قازاندى. چۈنكى بىر پارتىيەلىك دۆلەتتە ئۇچۇر ئالىدىغان باشقا مەنبە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممەيلەن ئەمەس، ئەمما نۇرغۇنلىغان خىتايلار بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىپ قالدى، دەپ قارايمەن.

سىزگە ئوخشاش مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن، چەكلىمىسىز خەۋەر ئىشلىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، نۇرغۇنلىغان ئېكسكۇرسىيەلەرنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى كۆردۇق. سىزنىڭچە خىتاي نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ سىزنىڭچە خىتاي بۇ چىتلىق سىملار، توسۇلغان كوچىلارنىڭ ئارقىسىدا بىر نەرسىلەرنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتامدۇ؟

ئەلۋەتتە. خىتاي ئۇ رايوندىن ئۇچۇرلارنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالغان. بۇ جاي ھازىر خىتايدا خەۋەر ئىشلەش ئەڭ سەزگۈر بولغان رايوندۇر. چۈنكى، ئۇ يەردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى خىتاينى بەكمۇ بىئارام قىلىدىغان بولغاچقا، ئارقىڭىزغا باشتىن-ئاياق ئادەم چۈشىۋالىدۇ. شۇڭا مەن سۆزلەشكەن ژۇرنالىستلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە بېرىپ توغرا ئۇچۇر ئىگىلەشنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى.

مەن ئۇ يەردىن يەنە قانداق ئۇچۇرلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. سىلەرمۇ ئۇ رايوندىن ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ بەك ياخشى قىلىۋاتىسىلەر. ئۇ يەردىن چىقىۋاتقان ئۇچۇر مەسىلىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىكى ھېكايىنى كونترول قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 

سىز ئۇ يەرگە دوستىڭىز بىلەن بېرىپ نۇرغۇن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدىڭىز. ئۇ يەردە بېشىڭىزغا ھەرقانداق بىر بالا كېلىشى مۇمكىن ئىدى. بەختكە يارىشا سىز ئۇ يەرگە ساق-سالامەت بېرىپ كەلدىڭىز. ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، بۇ تېمىدا خەۋەر ئىشلەشنى لايىق كۆردىڭىز؟

مەن بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، بۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنىڭ بىرى. ھازىر ئۇ يەرگە بېرىپ كېلەلەيدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ ئەمەس. مەن سۆزلەشكەن نۇرغۇن خىتاي مۇخبىرلار بۇنى خەۋەر قىلىشىنى خالايدىغانلىقى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلىقى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى بالاغا تىقىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. چۈنكى يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى تۇتۇپ ۋە ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇردى. ئۇ يەردە يېقىن تۇغقانلىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ئۇ يەرگە بارالايدىغان ئەھۋالدا دەپ قارىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا مەنچە بۇ تېما ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئۇنىڭ كۆلىمىگە قارىماستىن ئۆزى لايىق بولغان دۇنياۋى دىققەتكە ئېرىشەلمىدى، دەپ ئويلىدىم. ئېچىنىشلىق يېرى، سىز كىشىلەردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىسىڭىز، ئۇلار ھېچ نەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە ئۇ يەردە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ خەۋەرسىز. ژۇرنالىست بولۇشى سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە مەسئۇلىيىتىمىز بار.

بالىلار يەسلىسى، سىز فىلىمىڭىزدا بەزى بالىلارنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۆيىگە قايتمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز، ئۇلارنى كۆرگىنىڭىزدە قانداق تۇيغۇدا بولدىڭىز؟ 

ئىستانبۇل، قازاقىستان ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشى جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارغا قامالغانلىق دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. بىز شۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇ بالىلارنىڭ قامىلىشى مۇمكىنچىلىكى بولغان جايلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىقتۇق. بۇلار ئاساسەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياسالغان ھەر خىل يەسلىلەر ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە يۈزلىگەن، مىڭلىغان چوڭ ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىنىشقا باشلىدى. شۇڭا بىز، بۇ ئورۇنلاردا ئاتا-ئانىلىرى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاشقا ئۇرۇندۇق. 

شۇنداق قىلىپ بىز شۇ يەسلىلەرگە باردۇق، بۇلارنىڭ بىر نەچچىسى خوتەننىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان. بىز ئۇ يەسلىلەردە غەلىتە ئىشلارنى كۆردۇق. بىز ئۇ يەردە يەكشەنبە كۈنىدىمۇ بالىلارنىڭ يۈرۈۋاتقىنىنى بايقىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ نورمال مەشغۇلات ۋاقتى ئەمەس ئىدى. 

بىز يەنە باشقا بىر يەسلىگە باردۇق. ئۇ يەردىن مەكتەپ تۈگىگەن سائەتلەردىمۇ بىرمۇ بالىنىڭ قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدۇق. بۇ بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى ۋەيرانە مەھەللىلەرگە ياسالغان بولۇپ، شۇنداق يەرلەرگە بۇنداق چوڭ تىپتىكى يەسلىلەرنىڭ سېلىنىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىر ئىش. بىزنىڭ پەرزىمىزچە بۇنىڭ كۆلىمى ناھايىتى زور. بۇ، ئۇلارنى پەقەت ئاتا-ئانىلىرىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنى كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىلىدىن ئايرىۋېتىپ كەلگۈسى ئەۋلادنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتۇر. ئەلۋەتتە بۇلارنى كۆرۈش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن پەرىشان قىلىدۇ. 

ئۇيغۇر رايونىدا تۇرۇپ ئىشلىگەن بۇ ئېسىل پروگراممىڭىز سەۋەبلىك سىز قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ خىتايغا يەنە بارالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلامسىز؟ 

ياق، پۇشايمان قىلمايمەن. مېنى پەرىشان قىلىدىغان ئىشلار بۇ ئەمەس. مېنىڭ بىر يېرىم خىتايغا تۇتىشىدۇ، مېنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرىم يەنىلا خىتايدا. مەن خىتايدا بىر نەچچە يىل تۇرغان. مەن ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىنى خىتاينى تەتقىق قىلىش ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلدىم. بۇ ئەلۋەتتە مېنى پەرىشان قىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەر بار، مەن ئۇ تۇپراققا ھەرگىز ئۆچ ئەمەس. ئەمما، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھوقۇقدارلارنى سوراققا تارتىمەن ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرگە دىققەت جەلپ قىلىمەن. شۇڭا بۇلارنى قىلالىغانلىقىمدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى مەن بۇلارنى قىلالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.