يېقىندا فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇزىكانت جىنەستە توختى ئايۇپ خانىمنىڭ بالىلار ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان «بالىلار نوتا كىتابى» تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
كىتابقا «سادىر پالۋان قوشاقلىرى»، «قارا-قارا قۇشلارىم»، «ئانام مېنى ئاي دەيدۇ» قاتارلىق 15 پارچە ئۇيغۇرچە بالىلار ناخشىلىرى ۋە مەزكۇر ناخشىلارنىڭ نوتىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى جىنەستە توختى ئايۇپ خانىم «بالىلار نوتا كىتابى» نى تۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بالىلارغا مۇزىكا دەرس بېرىش جەريانىدا ئۇيغۇرچە بالىلار ناخشىلىرى نوتىلىرىنىڭ ئىنتايىن كەمچىلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر تارىخى، تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نوتىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئوڭۇشلۇق چىقىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر پېروجېكىت فوندى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر پېروجېكىت فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ تۈرگە ياردەم بېرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇيغۇر سەنئىتىنى سىڭدۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى سەۋەبلىك، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشى ئۈچۈن بالىلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بىلەن تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كىتاب مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەشر قېلىنغان تۇنجى ئۇيغۇرچە نوتا كىتابى بولۇپ، ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچىسى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش ۋە مىللىي كىملىك يېتىشتۈرۈشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى.
جىنەستە خانىم كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلاردىن ئىجابىي باھالارنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
جىنەستە خانىم يەنە بالىلارنى سەنئەت بىلەن تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇزىكا ئىنسانغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىنتايىن پايدىلىق. مۇزىكا بالىلارنىڭ ئوڭ ۋە سول مېڭىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە ئىنسانغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا مۇزىكا بالىلار ئۈچۈن بەك مۇھىم. چۈنكى كەلگۈسىمىز سەبىي غۇنچىلىرىمىزدا».