ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى بەرپا قىلىش ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى بالىلارغا ماس ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنى تەييارلاۋاتقان پىداكارلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
بۇ يىل «سىيرەت» ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى 21-سانىغا، «تۆت قۇلاق» بالىلار ژورنىلى بولسا بۇ يىل 13-سانىغا قەدەم قويغان بولۇپ، ھەر ئىككى بالىلار ئوقۇشلۇقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرزىس سەۋەبلىك نەشىر قىلىنىشتىن توختاش قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ژۇرناللارنىڭ باسما ۋە پوچتا تەننەرخى تېز سۈرەتتە ئاشقان. نۆۋەتتە «تۆت قۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 13- ۋە 14-سانى ئىشلىنىپ نەشىر نۇسخىسى تەييارلىنىپ بولغان بولسىمۇ، باسمىغا بېرىلمىگەن. «سىيرەت» ژۇرنىلىنىڭ 21-سانى بولسا پەقەت 500 پارچىلا بېسىلغان. «تۆت قۇلاق» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خەندان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە 500 پارچە ژۇرنالنىڭ باسما تەننەرخى، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 1000 پارچە ژورنالنىڭ باسما تەننەرخىنىڭ 2 ھەسسىسىگە يېقىنلاشقان. بىر يىللىق 4 سان ژورنالنىڭ باسما تەننەرخى يۈز مىڭ تۈرك لىراسىدىن ئېشىپ كەتكەن. باسما تەنەرخىنىڭ ئېشىشى مەزكۇر بالىلار پەسىللىك ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان.

باسما تەننەرخى ۋە پوچتا تەننەرخىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك ئېغىر كىرزىسقا پاتقان ئۇيغۇر بالىلار ژورناللىرى مۇشتەرى سانىنىڭ زىيادە ئاز بولۇشى سەۋەبلىك نۆۋەتتە توختاش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
ئۆتكەن يىللىق «تۆت قۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ئومۇمىي مۇشتەرى سانى بولسا ئاران 221 بولۇپ، بۇ سان باسما ۋە پوچتا تەننەرخىنى قوشقاندا، ژۇرنالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىقىملىرىنى ھەل قىلىشقىمۇ يەتمەيدىكەن.
خەندان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ماسلىشىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى، ئىستانبۇلنىڭ ئۆزىدىلا 10 غا يېقىن ئانا تىل كۇرسى ۋە تولۇقلىما مائارىپ مەركىزى بولسىمۇ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۈركىيەدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ 50 پارچىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇزۇن يىل ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولغان دوكتور رىسالەت تۇرسۇن خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئانا تىل ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ ياخشى سېتىلماسلىقى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنىڭ جەمئىيىتىمىزدە بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلماسلىق، ئۆزىنى ۋە بالىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رىسالەت خانىم يەنە ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇشلۇقلىرى ھېچقانداق ئورگان ۋە دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي پىدائىيلارنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نەشىر قىلىنىپ كىلىنىۋاتقان ئىكەن. ھىچقانداق ئىقتىسادىي كىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ژۇرنال خىزمىتىدە پىدائىيلار كەمچىل، تەشۋىقات ئاز ئىكەن.
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ئوقۇشلۇقلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى. ئابدۇجېلىل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشچە،
كىتابلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ، بەك ناچار دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، ئىقتىسادىي كىرزىس سەۋەبلىك كىتابلارنىڭ سېتىلىش باھاسى ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ژۇرناللار رەڭلىك بېسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشتەرىلەرگە يەتكۈزۈش پوچتا تەننەرخىمۇ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئۈچۈن، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىمىمۇ زىيادى ئېشىپ كەتكەن. ئابدۇجېلىل ئەپەندى ژۇرناللارنى مۇشتەرىلەرنىڭ تېخىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى لازىملىقىنى، ئۈزۈلدۈرمەي مۇشتەرى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىنىڭ جىددىي ۋە تەخىرسىز خىزمەت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى قىييىن ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەۋقۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەۋلادلارنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى بىلەن تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.