مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) : «بالىلارسىز تىلىمىزنىڭ كەلگۈسى يوق»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.09.11
Uyghur-ana-til-tor-mektipi-1 ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى
ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى

«ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان تور مەكتىپى. ئالدىنقى قېتىملىق پىروگراممىمىزدا «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ مۇنتىزىم، سىستېمىلاشقان ئۇيغۇر تىلى مائارىپىدىكى تور مەكتىپى ئىكەنلىكى، مەزكۇر مەكتەپتە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدۇق.

مەزكۇر مەكتەپ 9-سېنتەبىر كۈنى 2022-2023-ئوقۇش يىلىدىن خۇلاسە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. تور يۈزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» دىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىر يىللىققا ئۆرلىگەنلىكىنى تەبرىكلەنگەن؛ 6-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆگىنىپ تۈگىتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە قەدەم قويغانلىقى قۇتلۇقلانغان؛ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرى يەكۈنلىنىپ ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم تارقىتىلغان.

«ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان تور مەكتىپى

پائالىيەتتە دېيىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر مەكتەپنىڭ دەرسلىرى 2020-يىلى يازلىق تەتىلدە باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى 16 سىنىپتا جەمئىي 264 ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنگەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى قوشۇنى 14 ئاساسلىق ئوقۇتقۇچى ۋە 19 ياردەمچى ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) خانىمنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى «ئايخان مائارىپ فوندى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 7-يىلى، تور مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 4-يىلى، «تۆتقۇلاق» بالىلار ژۇرنىلى نەشر قىلىشقا باشلانغانلىقىنىڭ ۋە «مەن — ناتىق» ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغانلىقىنىڭ 5-يىلى، «ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ ۋە «ئۇچقۇن» بالىلار گېزىتى ئىشلىنىشكە باشلىغانلىقىنىڭ 3-يىلى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئائىلە ئانا تىل مائارىپىدا ئاتا-ئانىلارنى يېتەكلەش پىلانى بويىچە ئۆتكەن بىر يىل 4-6 ياشلىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قارىتا ئېچىلغان تەربىيەلەش سىنىپلىرىدا 100 نەپەر ئاتا-ئانىنى تەربىيەلىگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بالىلارسىز يازغانلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى يوق، بالىلارسىز تىلىمىزنىڭ تىلى يوق، بالىلارسىز ئۈمىدلىرىمىزنىڭ نۇرى يوق. بىز چەكلىك كۈچىمىز بىلەن تېخى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى قىلىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن ساقلاپ تۇرمايدىغان يىللاردا بالىلارغا ھەققى بولغان ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن نېسىۋە بېرىش ئۈچۈن ئۈچۈن خاتالىرىمىزنى ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن تۈزىتىپ بۇ يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.