5-ئاپرىل كۈنى باڭلادېشتىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى نامايىش ۋە ئاخبارات يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن.
د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى بىلەن 5-ئاپرىل كۈنى بىر قىسىم دۆلەتلەردە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشتا نۇتۇق سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بارىن شېھىتلىرىنىڭ «ئۇنتۇلغۇسىز بىر قەھرىمانلىق داستانى ياراتقان» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ داستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىققا بولغان ئىرادىسىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
5-ئاپرىل كۈنى يەنە باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككا ۋە باشقا بىر قىسىم شەھەرلىرىدىمۇ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىقىنى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش يۈزسىدىن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ھىندىستاننىڭ «جۇمھۇرىيەت دۇنياسى» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 6-ئاپرىل ئېلان قىلغان «باڭلادېش مۇسۇلمانلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئاپرىل كۈنى «باڭلادېش خىلافەت ئاندولان» ناملىق بىر تەشكىلات پايتەخت داككادا ئاخبارات يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. يىغىندا بارىن قەھرىمانى زەيدىن يۈسۈپ ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. خىتايدىن ئۆز ئىشغالىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا گۇناھسىز ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە قانۇنسىز بېسىۋالغان بۇ زېمىنغا بولغان مۇستەملىكىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
يىغىندىن كېيىن «باڭلادېش خىلافەت ئاندولان»، «نىزامى ئىسلام»، «مەۋلانا شەھىدۇل ئىسلام»، «باڭلادېش ئىسلام ئۆلىمالىرى جامائىتى»، «مەۋلانا كابىرۇل ئىسلام» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ، 200 يۈزدىن ئارتۇق ئادەم داككا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىپلەپ نامايىش قىلىپ، كوچا يۈرۈشى ئېلىپ بارغان.

باڭلادېشتىكى پائالىيەتلەردىن تەسىرلەنگەن ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قۇلاق يوپۇرىۋېلىۋاتقان، بەلكى بەزىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاشكارا قوللاۋاتقان بىر زاماندا، باڭلادېشتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقۇلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئەمەلدارلىرى ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان خەلق يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «باڭلادېش مۇھاجىرلار پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىيات كومىتېتى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر تەسكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 5-ئاپرىل كۈنى باڭلادېشنىڭ غازىپۇر رايونىدىمۇ 300 دىن ئارتۇق كىشى توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەسلەتمە يوللاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

5-ئاپرىل كۈنى يەنە «مۇھتىجودھا مانچا» ناملىق بىر تەشكىلات باڭلادېشنىڭ راڭپۇر شەھىرىدىكى «راڭپۇر ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.
باڭلادېشتىكى نامايىشچىلار قوللىرىدا باڭلادېشچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىلغان «بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىق خاتىرىسى، 1990-يىلى ئۇيغۇر بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى 5-ئاپرىل بارىن ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ھەم خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى توختىتىش نامايىشى»، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، نامايىشقا ئاياللارمۇ قاتناشقان.