2015-يىلى تايلاند پايتەختى بانكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «تېرورلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى، ئىككى يىلدەك كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، 22-نويابىر قايتا باشلانغان.
گۇماندارلار ئىلگىرى تايلاند ھەربىي سوتىدا سوتلانغان بولسىمۇ، لېكىن 2019-يىلى تايلاند ھەربىي دىكتاتۇرى پرايۇس چەن-ئوچانىڭ باش مىنىستىرلىققا سايلىنىشىدىن كېيىن، بۇ دېلو خەلق سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. «ئادەم قاراتاغ» نامىدىكى بىلال مۇھەممەت بىلەن يۈسۈپ مىرئەلى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ دېلوسىنىڭ سوتى، ئىلگىرى تەرجىمان مەسىلىسى ۋە يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
«بېنار خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-نويابىر كۈنى قايتا باشلانغان سوتتا، تايلاند پارتلاتقۇچ بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى بىلەن ئىككى قانۇن دوختۇرى گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇلار سوتتا، پارتلاتقۇچ بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىنىڭ خادىمى، پارتلاشتىن كېيىن گۇماندارلارنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇشتا شەخسىي بۇيۇملار بىلەن بىرگە، «پارتلاتقۇچ ياساشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى، يەنى قارا پورۇق ۋە يورۇقلۇق تالقىنى تېپىلغانلىقى» نى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئادەم قاراتاغ بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر گۇماندار، ئۆيدە ياسالغان بومبا ئورنىتىپ، 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى بانكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 20 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەگەر سوت ئۇلارغا ئارتىلغان بۇ جىنايەتنى بېكىتسە، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
لېكىن سوتتا گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي، نەق مەيدانغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساقچى ئەمەس، بەلكى ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەلىللەرنىڭ قوبۇل قىلىنارلىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆينىڭ ئىشىكى بۇزۇلغان، نەرسىلەر يەرگە چېچىپ قويۇلغان» ئىكەن.
تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقنى كۈچەيتىش فوندى» نىڭ دېرىكتورى چالىدا تاجارونسۇك 23-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بىلەن 18-ئاۋغۇست كۈنى ساتورېن كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.
چالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دېدى: «ئۇلار سوتتا ئىككى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاشنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا. 17-ئاۋغۇست كۈنىدىكى پارتلاش ئېراۋاندا يۈز بەرگەن. 18-ئاۋغۇست كۈنىدىكى پارتلاش ساتورېن كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىككى پارتلاشنى ئۆز ئارا باغلىماقتا. ئۇلار پەقەت بۇنى ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان ئۇچۇرلىرى بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا. مېنىڭچە، بەلكىم ئەتىكى سوتتا DNA توغرىلىق توختىلىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى سوتتا ساقچىلاردىن DNA ئىسپاتى بار-يوقلىقى سورالدى. لېكىن ساقچى ئۆزلىرىدە DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. بەلكىم ئەتىكى سوتتا سۆزلىنىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ساقچىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، DNA ئەۋرىشكىسى ماس كەلمىگەن.»
سوتتا گۇماندارلار ۋە ئادۋوكاتلار نارازىلىق بىلدۈرگەن نۇقتىلارنىڭ يەنە بىرى، سوتنىڭ تايلاندتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىماننى ئىشلىتىشىدۇر. «بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتا گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكاتى تەرجىمانغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئادۋوكات چۇچارت كانپاي سوتچىغا تەرجىماننىڭ سوتتا يانفونى بىلەن رەسىمگە تارتقانلىقى ۋە سوتتىكى گۇۋاھلىقنى ئاۋازغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنداق قىلىشنىڭ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ دېلونى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختىنىڭ 23-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، تايلاند سوتىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىماننى ئىشلىتىشى، بۇ سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا جىددىي سۇئال پەيدا قىلماقتا ئىكەن. مەمەت توختى يەنە بۇ سوتتا ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغا قەدەر «تېرورلۇق ھۇجۇم» نى بۇ بالىلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت قايىل قىلارلىق دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى، بۇ دېلو خىتاينىڭ بېسىمىدا پۈتۈنلەي سىياسىيلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
«بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، گۇماندارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ھىمايىچىلاردىن بىر كىشى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرجىمانىنىڭ سوتتا تەرجىمىنى توغرا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى «خەلقنى كۈچەيتىش فوندى» تەشكىلاتى بىلەن گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكاتى مىرئەلى يۈسۈپنىڭ ئېنگىلىز تىلى بىلسىمۇ، ئەمما ئادەم قاراتاغنىڭ خىتاي تىلىنى بىلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمانغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
چالىدا تاجۇرونسۇكنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەرجىمانى كەسپىي تەرجىمان ئەمەس بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلغان.
چالىدا تاجارۇنسۇك مۇنداق دېدى: «بۇ سوتتا خىتاي تەمىنلىگەن بىر تەرجىمان بار. لېكىن ئۇ كەسپىي تەرجىمان بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەرجىمىسىدە خاتالىق چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم خاتا تەرجىمە قىلدى. سوتتا مىرئەلى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ خاتا تەرجىمە قىلغانلىقىنى پاش قىلدى. چۈنكى ئۇ تايلاند تىلىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئېنگىلىزچىنى بىلگەچكە، تەرجىمان سۆزلەرنى تايلاند تىلىدىن ئېنگىلىزچىگە تەرجىمان قىلغاندىمۇ ئۇنىڭدىكى خاتالىقلارنى بايقىدى. ھالبۇكى، خىتاي تەرجىمان سۆزلەرنى نۇرغۇن قېتىم خاتا تەرجىمە قىلدى. سوتقا قاتناشقان بىر ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچىمۇ خىتاي تەرجىمان نۇرغۇن سۆزلەرنى خاتا تەرجىمان قىلغان.»
چالىدا تاجارۇنسۇكنىڭ ئېيتىشىچە، سوتچى ئاخىرى سوتقا قاتناشقان بۇ ئۇيغۇرغا ئەگەر خىتاي تەرجىمان خاتا تەرجىمە قىلسا، ئۇنىڭ دەرھال ۋەزىيەتكە ئارىلىشىپ، تەرجىمىنى تۈزىتىشىگە رۇخسەت قىلغان.
ئادەم قاراتاغ بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ 2015-يىلى بانكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن تېرورلىق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 7 يىلدىن بېرى، تايلاند ھەربىي تۈرمىسىگە قامىلىپ كەلگەن ئىدى.
چالىدا تاجارونسۇكنىڭ ئېيتىشىچە، گۇماندارلار 22-نويابىر سوتقا ئېلىپ كېلىنگەندە سوتنىڭ ئۆزلىرىنى ھەربىي تۈرمىدىن ئادەتتىكى تۈرمىگە يۆتكىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ئۆتكەن قېتىملىق سوتتا «ھالال تاماق» يېيەلمەسلىكتەك ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىرئەلى يۈسۈپ ئۆزلىرىگە بەزىدە بېلىق گۆشى بېرىلسىمۇ، «بىز ھالال تاماق تاللىيالمايمىز. بەزىدە بىزگە چوشقا گۆشى، بەزىدە توخۇ بېرىلىدۇ. بۇلار ھالال ئەمەس» دېگەن. چالىدا تاجارونسۇك، سوت ھۆكۈمىىنىڭ قىسقا مۇددەتتە چىقىرىلمايدىغانلىقى، بۇ دېلونىڭ يىللار داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.