ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بارىن قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

5-ئاپرېل كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش جەريانىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، تۈركىيە.
بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە ئىشغالچى خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا رامىزان ئېيىدا ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشتىن مەھرۇم قىلغان سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بارىن قەتلىئامىنى ئونۇتمايمىز، روزا تۇتۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز، دېگەن شوئار ئاستىدا بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن بارىندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، تۈركىيە.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئىبادەت قىلىشنى چەكلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ چېكىدىن ئاشتى، رامىزان باشلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىدارە-ئورگانلاردا كىمنىڭ روزا تۇتقان ۋە كىمنىڭ تۇتمىغانلىقىنى نازارەت قىلدى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى، دىنى ئىبادەت قىلىشنى چەكلىدى، مەكتەپ ۋە ئىدارە-ئورگانلاردا ئۇيغۇرلارنى چۈش ۋاقىتلىرى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىدى، مەسچىتلەردە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش مەنئى قىلىندى. خىتاي دائىرىلىرى ئىپتار تامىقى تارقىتىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش دىنىي ئېتىقاد بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە دىنىي بەلگىلەرنى ئىشلىتىشنى جىنايەت دەپ قاراپ نۇرغۇن كىشىلەرنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىدى».

بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، تۈركىيە.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بۇنىڭدىن 34 يىل ئىلگىرى بارىن شېھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، دىنى ئەقىدىسى، مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش مەقسىتىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغانلىقى، مانا بۈگۈن ئۇلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەۋادا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى سىدىق قاسىمنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇ بارىن ئىنقىلابىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بارىن يېزىسىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئابدۇقەييۇم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىچىك بولسىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللىگە يېقىن جايدىكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن كېچە بويىچە ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، كۆپلىگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن كېلىپ ئۇ رايونغا چۈشكەنلىكىنى ۋە قاتتىق جەڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.