د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 1990-يىلىدىن بۇيان، چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ تارىخىي ۋەقەنى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۈگۈن، يەنى 30-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئاخبارات-باياناتى ئېلان قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلىكتە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى د ئۇ ق 30-مارت ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «5-ئاپرېل بولسا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى ھېسابلانغان بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33-يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە كەڭ ئاۋام خەلقىمىزنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىرىسى ئىچىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بارىن قەھرىمانلىرىمىزغا بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قايتا نامايان قىلىشقا چاقىرىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلۇمى، سىياسىي بېسىمى، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى قوزغىلىپ، كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىكلەر تېز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايان قىلغان ئىدى».

30-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بايانات ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ بارىن شېھىدلىرىنى بۇ قانلىق كۈننى خاتىرىلەپ كەلدۇق. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى تارىخ كېلەچەكنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇڭا بارىن ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە بولغان ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر ۋەقەدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى قانلىق باستۇردى. بىز بۇنى ھەر دائىم خاتىرىلىشىمىز، ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىنلىك ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان زېيىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەيمىز. خىتاينىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان، بىگۇناھ كىشىلەرنى، ھەتتا بوۋاقلارنى قېتىل قىلغان جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز».

بۇنىڭدىن 33 يىل بۇرۇن بارىن خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىنى ۋە ئادالىتىنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە نەق 33 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ زۇلۇم تەدرىجىي ھالدا شىددەتلىك تۈس ئېلىپ، ئاخىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغان. مەزكۇر كۆز قاراشنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم 33 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 4-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش، خىتاي كومپارتيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.