مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 30 يىل مۇقەددەم، يەنى 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە ئانچە يىراق ئەمەس ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە قارشىلىق ھەرىكىتى پارتلىغانىدى. بۇ نامايىش باشتا تىنچ خاراكتېرلىك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رەھىمسىز باستۇرۇلغان ھەم بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەنە شۇ ۋەقە قۇربانلىرى ۋە بارىن ۋەقەسى كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەر خىل جەھەتلەردە خاتىرىلىنىپ كېلىنگەنىدى. كۆپىنچە ھاللاردا ھەر قايسى ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلەتتى.
قازاقىستان چەتئەللەردىكى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر جايلاشقان مەملىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ بارىن ۋەقەسى، -5فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق تۈرلۈك قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەر يىلى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ ئۇلار ئاساسلىقى چوڭ يىغىلىش ۋە نەزىر ھەم يىغىن پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بارىن ۋەقەسىگە ئوخشاش بۇ تارىخىي كۈنلەرنى ئەسلەيتتى. ئەمما بۇ يىلى مەزكۇر ۋەقەگە 30 يىل تولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارىلىشى ھەمدە ھەر قايسى ئەللەردە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ قوللىنىشى سەۋەبىدىن بۇ كۈننى خاتىرىلەپ ئۆتۈش پائالىيىتى توختىتىلدى. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارىن ۋەقەسىگە ئائىت قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بارىن ۋەقەسى بۈگۈنكى زامان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھەرىكەت. چۈنكى خىتاينىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم پارتلىغان ھەم غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىشتا چوڭ رول ئوينىدى. شۇنداقلا بۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1992-يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىندى. بۈگۈنكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئوخشاش تەشكىلاتلار شۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىدىيەۋى ۋە ئەمەلىي پائالىيىتىدىن كېلىپ چىققان. يەنە بىر تەسىرى، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيانى جەلپ قىلالىدى.»
قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر ھەرىكەتكە ماسلىشىپ، مەركىزىي ئاسىيادىمۇ بىر قاتار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن بارىن ۋەقەسىنىڭ 30 يىللىقىغا جىددىي تەييارلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ پائالىيەتنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بارىن ۋەقەسى ساۋاقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ياشلار قانىتىنىڭ ئەزاسى مالىنا ھاۋالوۋا خانىمنىڭ پىكرىچە، بارىن ۋەقەسى قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھەم ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان زېمىننىڭ ئەركىنلىكىنى، مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغان ھەم شۇ يولدا قۇربان بولغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، يېرىمىزگە خىتايلارنىڭ كۆچۈرۈلۈشى توختىتىلسۇن، ئەركىنلىككە يول قويۇلسۇن دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەرنى قويغانىدى. ئەنە شۇ تەلەپلەرنى ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. 1997-يىلقى 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نارازىلىق نامايىشى ۋە 2009-يىلقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى تىنچلىق نامايىشى ئەنە شۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان تارىخىي سەھىپىلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم يېرى، بۇ نامايىشلاردا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ خەلقىگە، ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى، سادىقلىقىنى نامايىش قىلدى.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ھۈسەنجان ھەسەنوف مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ تەسىرى دۇنياغا ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ناھايىتى دەھشەتلىك ئاپەت بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئازادلىق تەشكىلاتى پەيدا بولدى. بۇنىڭغا مۇشۇ بارىن ۋەقەسىنىڭمۇ تەسىرى چوڭ بولدى دەپ ئويلايمەن. ھازىر ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپى بۇ دۇنيادىن كەتتى. بىراق شۇ يولدا كېتىپ بارىمىز. بىراق بىز ياشاۋاتقان مەملىكەتلەر مۇشۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپ، ھېچ قانداق مەۋقە بىلدۈرمىدى».
دىنىي زات مەھەممەت ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي، دىنىي ۋە مىللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتىكى بارىندىكى ياشلار قىزىل خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈزىسىدىن ھۆكۈمەت ئالدىغا بارغان. ھۆكۈمەت بولسا، قورال تەڭلەپ، ئوق ئاتقان ئىدى. بۇنىڭغا ۋىجدانى، دىنىي ۋە مىللىي غۇرۇرى قاينىغان ياشلارمۇ كۈرىشىپ، شېھىت بولغانىدى. بۇ كۈن جاپاكەش خەلقىمىز تارىخىدا بىر قارا داغ بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ، خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ۋەھشىلىكلەرنى قىلماقتا. بۇنىڭغا جاھان ئەھلى گۇۋاھچىدۇر».
مەھەممەت ھاجىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا، شۇ زېمىننىڭ بايلىقلىرىغا ئۆزلىرى ئىگە بولۇش، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي، دىنىي، مەدەنىي ھوقۇقلىرىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلدى.
0:00 / 0:00