بۇ يىل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا 1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
بۇ يىلقى بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىراز يۇمشىتىلغان، شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس ۋە خاسىيەتلىك ئاي بولغان رامازان كىرگەن كۈنلەردە بولۇپ ئۆتتى. 4-ئاپرېل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئاقجول» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىپتار زىياپىتى شەكلىدە ئۆتكۈزدى.
مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىمجان مەنسۇروف بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقستىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ قازاقىستان قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ گۈلدالا يېزىسىنىڭ يۇرت-جامائەت ئاكتىپى ئازاد قۇربانوف ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پائالىيىتىمىز ياخشى ئۆتتى. ھەر تەرەپتىن مېھمانلار بولۇپ، 70 تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى. ئىلگىرىكى بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدە ۋەتىنىمىزدە شېھىت بولۇپ كەتكەن، ۋەتەن داۋاسىدا ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاتاپ خەتمە قۇران ئوقۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان بىزنىڭ لىدېرىمىز قەھرىمان غوجامبەردى ئاكا مىللىي دەۋا توغرىسىدا، بارىن ئىنقىلابى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى. سۆزگە چىققانلار بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ۋەدىلىرىنى بەردى. بىرىنچى نۆۋەتتە بەدەل پۇلى توغرىسىدا سۆزلەپ، ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يەتكۈزۈشكە ۋەدە قىلىشتۇق.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا بۇ پائالىيەتنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە بارىن ئىنقىلابىغا بېغىشلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم، بارىن ئىنقىلابىغا بېغىشلانغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى، كۆپچىلىككە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قىلغان دوكلاتى بولدى. ئۇ بارىن ئىنقىلابى، خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سىياستەشۇناس ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەردار بىر ناتىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم ۋە سەپداشلىرىم نامىدىن ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ، ئۇنىڭدا سۆزگە چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بىزگە ئەلۋەتتە ئالاھىدە بىر روھ بېغىشلىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى قوللايدىغانلار سېپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېز ئۆسىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندەك بولدى. مەزكۇر پائالىيەتتە دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نەرسە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتىنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى تىلشۇناس ئالىمە دىلنۇر قاسىموۋا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئانا تىلىدىكى مائارىپىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كېيىنگە قالدۇرمايدىغان مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»
مەزكۇر مۇراسىمدا ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى ئىتتىپاقى جەمئىيەتلىك تەشكىلاتى قەھرىمان غوجامبەردىگە ئۆزلىرى تەسىس قىلغان «قازاقىستان مۇستەقىللىقىغا 30 يىل» بەلگىسىنى تەقدىم قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 5-ئاپرېل كۈنى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «ئاخباراتنامە» ناملىق تور ژۇرنىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان. مەزكۇر «ئاخباراتنامە» نىڭ بۇ سانى «بارىن: ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە 32 يىل (1990-2022)» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىدىكى ئامىللار، شەرقىي تۈركستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، بارىن ياشلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جەريانى، ئىستىلاچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ئىنقىلابىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش تەدبىرلىرى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى قاتارلىق تېمىلار يورۇتۇلغان.
قەھرىمان غوجامبەردى بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «بارىن ئىنقىلابى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئويغىنىشنىڭ، مىللىي سىياسىي ئاڭنىڭ ۋە مىللىي غۇرۇرنىڭ كۈچىيىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى؛ بارىن مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەن تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدە، 1992-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنياۋىي خاراكتېرگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشكىلات-شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىندى؛ بارىن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ روھى ھازىرقى خەلقئارا ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپ كەلدى.»