بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 1990-يىلىدىن بۇيان، چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ تارىخىي ۋەقەنى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردە نامايىش قىلىش، ئاخبارات-بايانات ئېلان قىلىش، بارىن شېھىدلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان بارىن قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەپ ۋە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
5-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 32 يىل بۇرۇن بارىن خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىنى ۋە ئادالىتىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە نەق 32 يىل بولغان بولسىمۇ، تېخى تۆنۈگۈن يۈز بەرگەندىكىدەك خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. چۈنكى 32 يىل بۇرۇن خىتاي قانداق شەكىلدە ئۇيغۇر خەلقىگە زۇلۇم ئېلىپ بارغان بولسا، 32 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ زۇلۇم تەدرىجى ھالدا شىددەتلىك تۈس ئېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا 32 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ زۇلۇملىرى ھەر كۈنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ئۈچۈن، بارىن ئىنقىلابى 32 يىلدىن بۇيان خۇددى تۆنۈگۈن يۈز بەرگەندەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۇنيادىكى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن 32 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ھەرىكەتكە قارىتا ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋابىنى بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقان بولسا ۋە دىققەت قىلغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۇ دەرىجىگە يەتمىگەن بولاتتى. لېكىن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى مەزكۇر ۋەقەدىن 32 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېغىر بىر ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى دەپ ئويلايمەن. شۇڭا دۇنيا دۆلەتلىرى تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، بارىن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان بالىلار، ئانىلار ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى كېرەك. بۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ ھېسابى سورىلىشى كېرەك.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 5-ئاپرېل كۈنى بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ «بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرلەش ۋە ئىپتار» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا تۈركىيەدە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيەسى ۋەكىلى، شۇنىڭدەك ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاقساقاللاردىن سىرت، مۇخبىرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىسى رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلابتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاقلار توغرىسىدا توختالدى.
ئاخىرىدا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆز قىلىپ، پارتىيەسىنىڭ 1995-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى، بارىن شېھىتلىرىدەك قەھرامانلارنى يېتىشتۈرگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرى بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى بىرلىكتە بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «شېھىتلىرىمىزگە دۇئا قىلىش ۋە ئىپتار» تېمىسىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.