مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بارىن ئىنقىلابىنى ئالاھىدە خاتىرىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىنقىلاب 1990-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگتە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوراللىق ئىنقىلابتۇر.
بۇ يىل 5-ئاپرىل بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ يىلمۇ بارىن ئىنقىلابى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5-ئاپرىل كۈنى چۈشتىن كيىن ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قارشىسىدىكى رىشاتكىلاردا لەپىلدەپ تۇرغان نەچچە ئونلىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن 5 ياشلىق ئۇيغۇر قىزنىڭ دادىسىنىڭ رەسىمىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇشى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقاتتى.
نامايىش ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ پىروگرامما دىرىكتورى ئارسلان ھىدايەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ۋە بەش ياشلىق قىزى بىلەن بىللە چىققان ئادالەت سابىت خانىمنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنىلىك»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «ئىرقىي قىرغىنچلىقنى توختات» دېگەندەك شۇئارلار بىلەن داۋام قىلدى.
ئىپتار ۋاقتى بولغاندا، ئارسلان ھىدايەت ئەزان توۋلىدى. نامايىش قاتناشقۇچىلىرى ئىپتاردىن كېيىن، سەپ بولۇپ بىرلىكتە شام نامىزىنى ئوقۇدى.

ئارسلان ھىدايەت رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ بارىن ئىنقىلابى قەھرىمانلىرنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملكىدىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بارىن قىرغىنچىلىقنىڭ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچلىقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدا بەش ياشلىق ئەردەنئاي ئىسىملىك بىر كىچىك قىزمۇ بار ئىدى. ئەردەنئاينىڭ ئاپىسى ئادالەت سابىت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەردەنئاي تۇغۇلغاندىن بېرى دادىسىنى يۈز تۇرانە كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت ۋىدىيو ۋە سۈرەتلەر ئارقىلقلا دادىسنى تونۇيدىكەن. ئەردەنئاي بايراق كۆتۈرۈپ خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈشلىرى ۋە تاتلىق كۈلكىسى بىلەن نامايىشقا باشقىچە تۈس قاتتى. ئۇ نامايىش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر دادىسىنىڭ سۈرىتىنى چىڭ تۇتقان ھالدا نامايىشچىلارغا ئەگىشىپ يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بەش ياشلىق قىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە خىتايغا قارشى شۇئار توۋلىغانلىقنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ ئاخىرغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ خىل نامايىشلارنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان ياشلارغا دۈشمىنىنىڭ كىم ئىكەنلكىنى تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

33 يىلدىن بۇيان بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە توپلانغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1990-يىلى 5-ئاپرىل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا 26 ياشلىق زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار «پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن؛ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش توختىتىلسۇن؛ خەلقىمىز ئۈستىدىكى سېلىق يەڭگىللىتىلسۇن؛ خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن؛ ئېزىشكە، يوقىتىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز! . . .» دېگەندەك شۇئارلار بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ، رەسمىي نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. بارىن دېھقانلىرىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى كېيىن قوراللىق باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بەش كېچە-كۈندۈز داۋام قىلغان قانلىق جەڭگە ئايلانغان. 19 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بارىن خەلقىنى 22454 ئەسكەر مۇھاسىرىگە ئېلىپ بارىن ئىنقىلابى قانلىق باستۇرۇلغان.
تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە پۈتۈن بارىن يېزىسىدىكى خەلقنىڭ مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا بىگۇناھ ئايال-بالىلارنىڭمۇ ئوققا تۇتۇلغانلىقى، بارىن يېزىسى ۋە باشقا يېزىلاردىنمۇ ئىككى مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.