5-ئاپرېل كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 2022-يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان سۈكۈتىنى بۇزۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «بارىن ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 5-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ «بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش» تېمىسىدا ئىپتارلىق يىغىلىش ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇراسىمغا كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەمەت ئەرمان ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى يوقۇش ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ 70 كە يېقىن ۋىلايىتىدە شۆبىسى بولغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئايشە فىلىز ياۋۇز خانىم، شۇنداقلا ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرىم تاتارلىرى ۋە ئافغانىستان ئۆزبەكلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە ھەرقايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلىپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلابتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاقلار، بۇندىن كېيىن ئۇنى قانداق خاتىرىلەش توغرۇلۇق توختالدى.
سابىق پارلامېنت ئەزاسى، فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر مەسىلە. بۇ زۇلۇم مەسىلىسى، بىر مىللەتنىڭ يوق قىلىنىش مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھازىر يېتىم ۋە ئىگە-چاقىسىزدۇر. بۈگۈن گەرچە بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34-يىلىنى خاتىرىلەۋاتقان بولساقمۇ، بۇنىڭدىن باشقا غۇلجا قىرغىنچىلىقى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەردۇر.
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇلارغا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇزۇن زامان سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ قىرغىنچىلىقلارغا ئۇزۇن ۋاقىت سۈكۈت قىلدى. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىملىرى كۈنسايىن كۈچەيدى. -2017يىلىدىن باشلاپ لاگېرلار قۇرۇلدى، مىليونلارچە كىشى لاگېرلارغا قامالدى، تارىخىي جايلار، ئىبادەتخانىلار چېقىۋېتىلدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلەندى. 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگە كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن ئىنسانلىق ئالەمىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندى. ئەپسۇس تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى مەزكۇر دوكلاتتىن پايدىلانمىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرسا بولاتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە گەرچە سۈكۈتىنى بۇزغان بولسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس. بارىن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ ھېسابى سورىلىشى كېرەك».

پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئۈچ ۋەخپىگە ۋاكالىتەن بايانات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، قىممەتلىك ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلار، بۈگۈن بارىن شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. مەن مەتبۇئات باياناتىمنى ئوقۇپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنىڭدىن 34 يىل بۇرۇن بارىن خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىنى ۋە ئادالىتىنى تەلەپ قىلغانىدى. خىتاي ئارمىيەسى بۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ۋەھشىيلەرچە باستۇردى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە نەق 34 يىل بولغان بولسىمۇ، تېخى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندىكىدەك خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. چۈنكى 34 يىل بۇرۇن خىتاي قانداق شەكىلدە ئۇيغۇر خەلقىگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بولسا، 34 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ زۇلۇم، قىرغىنچىلىق بارغانسېرى ۋەھىمىلىك تۈس ئېلىپ، تېخىمۇ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا 34 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ زۇلۇملىرى ھەر كۈنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ئۈچۈن، بارىن ئىنقىلابى 34 يىلدىن بۇيان خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ. بۇ قىرغىنچىلىقنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز، ياش ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ ئۇنۇتتۇرمايمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سورايمىز».
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى خىتاينى جاۋابكارلىققا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا مەدەنىيىتىگە، بولۇپمۇ تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى، ھەر قايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، بارىن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى ۋە ھازىر داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىشى كېرەك».

ئارقىدىن تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پىروفېسسور دوكتور ئايشە فىلىز ياۋۇز خانىم بۇنداق ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى بۇندىن كېيىن ئوخشىمايدىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خاتىرىلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىگە ئاخباراتنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تازا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا توسالغۇ بولماقتا. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار، بۇندىن كېيىن بۇنداق كۈنلەرنى تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ مەيدانلىرىدا، كوچىلىرىدا بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە ۋىدىيو ئىشلەپ قويايلى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتايلى. زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، كەڭ-كۆلەمدە تارقاتساق ھۆكۈمەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيمىز دەپ ئويلايمەن.»
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى، قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە بەزى تېلېۋىزىيە، گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى. بارىن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەر تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتىدىن كۆرۈلدى.