بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

5-ئاپرېل كۈنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

كۆرگەزمىدە بارىن ئىنقىلابىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە شۇ قېتىملىق قوراللىق كۈرەشكە دائىر ماتېرىياللار كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، دىنىي ساھەدىكى زاتلار، سەنئەتكارلار، يازغۇچىلار ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردىكى سەرخىللەرنىڭ سۈرەتلىرى كۆرسىتىلدى.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەر، چالغۇ ئەسۋابلار، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئۆي جاھازلىرى دېگەندەك ھەر خىل بۇيۇملارمۇ قويۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارنى تۈرك خەلقىگە ھۆججەتلىك ۋە ئەتراپلىق بىر شەكىلدە بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلغان ئىككى بەتلىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى جۈمە نامىزىدىن كېيىن بىر قانچە جامە ئالدىدا تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان سىن فىلىملىرى كۆرسىتىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي زۇلۇملارنى تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، تۈركىيەدە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش شۇنداقلا تۈرك خەلقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

5-ئاپرېل كۈنىدىكى سۈرەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا 70 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ،» دېدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى خىتاي نۇرغۇن ئەسكىرى كۈچ، تانكا ۋە تىك ئۇچارلار بىلەن بارىن يېزىسىدا قوزغالغان خەلق ئىنقىلابىنى باستۇردى. بارىن يېزىسىدا چوڭ بىر قەتلىئام يۈز بەردى. بۇ قەتلىئامدا شېھىت بولغانلارنى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ.»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆپلىگەن شىكايەتلەر كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىنى بۇزۇش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خىتايلاشتۇرۇشقا ئورۇنىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بىر قىلمىشتۇر. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى بۇ مەسىلىگە قول تىقمىسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جىددىي قارىمىسا، بۇ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چوڭ بىر نومۇستۇر. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»

سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا 21-ئەسىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جالال ئەرباي مۇنداق دېدى: «بىز قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز، قوغدايمىز. ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ، زالىمنىڭ زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىمىز. كۆك بايراق ھامان بىر كۈنى ئۆز ۋەتىنىدە لەپىلدەيدۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ.»

تۈرك زىيارەتچىلەردىن ئۆزىنى «5-ئەۋلاد ئوسمانلى شاھزادىسى» دەپ تونۇشتۇرغان ھۈسەيىن كۆكسال ئىسىملىك بىر كىشى ئۇيغۇر سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلمېجىدخاننىڭ 5-ئەۋلاد شاھزادىسى بولىمەن. بىزدە، يەنى ئوسمانلىنىڭ ئەنئەنىسىدە زۇلۇم يوق، مەن خىتاينىڭ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىدىن بەك قايغۇلاندىم. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىنغان زۇلۇم خىتايغا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇ زۇلۇمنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك. تۈركلەرگە زۇلۇم قىلغانلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ زۇلۇمى ئۆزلىرىگە قايتىدۇ. بىز دۇنيادا ھېچ بىر خەلقنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىشنى خالىمايمىز. دۇنيا ھەممىمىزگە يېتىدۇ، خىتاي بۇ زۇلۇمنى توختىشىشى كېرەك.»

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئادىل ئىشان ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن، بۇنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كەك كۆلەمدە تۈركىيەنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى مېنىڭچە ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.»

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان سۈرەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 5-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە 6 كۈن داۋام قىلىدىكەن.