مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 5-ئاپرېل كۈنى «بارىن ئىنقىلابى» نى ھەر خىل شەكىللەردە ئالاھىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34-يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 5-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا لەپىلدەپ تۇرغان نەچچە ئونلىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قوللىرىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەن خەت يېزىلغان تاختايلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى.

نامايىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم نۇتۇق سۆزلەپ، نامايىش ئىشتىراكچىلىرىغا ۋە مۇخبىرلارغا بارىن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. نامايىش يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەندەك شوئارلىرى بىلەن ئىپتار ۋاقتى بولغۇچە داۋاملاشتى. نامايىشچىلار ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن ئېغىز ئاچتى ۋە ئىپتاردىن كېيىن بىرلىكتە ناماز ئوقۇپ بارىن قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بارىن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلىكلەرنىڭ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈنلەرنى ۋە شېھىتلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ ۋە ئۇلارنى خاتىرىلەش ئارقىلىق مەدەت تېپىپ خىتايغا بولغان نارازىلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنى، ئۇنىڭدىن سىرت ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە قۇربان بولغانلار، تۈرمىلەرگە تاشلانغانلار ئۈچۈن ھەققانىيەت تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34-يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولسا، بۇ يېقىنقى بىر ھادىسە ئەمەس. بۇ بۇنىڭدىن 34 يىل ئىلگىرىمۇ، بارىندا ئۇيغۇر خەلقى، بارىن دېھقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا ۋە بولۇۋاتقان تەڭسىزلىككە قارشى تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى قانلىق شەكىلدە باستۇرغان. خىتاي يالغۇز بۇ نامايىشلارغا، بۇ پائالىيەتكە، بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلارنىلا ئەمەس، شۇ يېزىدىكى بالىلار، ئاياللارنىمۇ قىرىپ تاشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 1997 يىلى غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ زىمىستان قىشتا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان ياشلارنى، ئاياللارنى خىتاي ھۆكۈمىتى قانلىق باستۇردى، مىڭلىغان ئىنسانلىرىمىزنى زىندانلارغا سولاپ قويدى، ئۇلار ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن 2009-يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈزبەردى، بۇ قىرغىنچىلىقتىمۇ ئادالەت تەلەپ قىلغان ئىنسانلىرىمىزنى قانلىق شەكىلدە باستۇرۇپ، مىڭلارچە ئىنسان ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئون مىڭلارچە ئىنسان ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. بارىن ئىنقىلابى بۇنىڭدىن 34 يىل ئىلگىرى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن غۇلجا ئىنقىلابى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابى ۋە باشقا بۇ تىنچلىق شەكىلدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئىنقىلاب بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ قاچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق بەرمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ قاچان گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنى يوق، بەلكى قوراللىق كۈچ ئىشلىتىپ، شىددەت بىلەن پۈتۈن بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ كەلدى. مانا بۈگۈن نەچچە مىليون ئىنسانلىرىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك 21-ئەسىردە دۇنيادا ئىنسانىيەت قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بارىن ئىنقىلابى مۇشۇ داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر باشلانغۇچى ئىدى».
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر نامايىشتىن سىرت يەنە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 5-ئاپرېل كۈنى ئىپتارلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بارىن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلغان.