2-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ياشلار ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە باۋارىيە شىتاتىدا ياشاۋاتقان ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسسۇل تۈرلىرىنى ئاساس قىلغان 49 سەنئەت گۇرۇپپىسى قاتناشقان. مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى، ئۆز قارمىقىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى سەنئەت مۇسابىقىسى 3 دەرىجىگە ئايرىلىپ باھالىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بۇ مۇسابىقىدە ئىككى نومۇر ئورۇندىغان. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئورۇندىشىدىكى دولان ئۇسسۇلى، يەنە بىرسى ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە يىگىتلىرى بىرلىشىپ ئورۇندايدىغان ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلى بولغان. 49 گۇرۇپپىنىڭ نومۇرى ئاخىرلاشقاندا، باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.
ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز شادلىققا چۆمدۈرگىنى شۇكى، مۇسابىقىدە دولان ئۇسسۇلى 1-دەرىجىگە، ساما ئۇسسۇلى 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 1-ۋە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر سەنئەتكارلىرى، 2024-يىلى گېرمانىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ياشلار سەنئەت مۇسابىقىسىگە ئالدىن تاللانغان. بۇ خوش خەۋەر ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئۆيدىن-ئۆيگە تاراپ، كىشىلەرنى شادلىققا چۆمدۈرگەن.

«گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئورۇندىغان دولان ۋە ساما ئۇسسۇللىرى يۈزلىگەن تاماشىبىنلار ئىشتىراك قىلغان بۇ سورۇندا كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلەر بولسا، ئۇيغۇرلارغا شادلىق ۋە شەرەپ ئاتا قىلغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەسسىلەر قاتقان «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر زاماندا، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇنى ياۋروپا سەنئەت سەھنىسىدە نامايان قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشىشىنىڭ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ خادىمى رابىيە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە غۇرۇرىنى نامايان قىلىپ نۇسرەت قازانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن بۇ غەلىبىسىدىن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.