بايېربوكنىڭ خىتاي سىياسىتى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك، گېرمانىيەدە 2021-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئاننالېنا بايېربوك، ئەگەر ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالسا گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە غەرب قىممەت قارىشىنى يادرو قىلغان بىر تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى شۇ چاغدا بايېربوكنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزماسلىقنى تەلەب قىلغان ۋە «بىزگە تام توسىغۇچىلار ئەمەس، كۆۋرۈك سالغۇچىلار لازىم» دېگەن. سايلامدا ئولاف شولىز غەلىبە قىلىپ باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىگەن ۋە بىر قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە مېركېلنىڭ تۇتقان يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز باش مىنىستىر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، بايېربوك بىلەن ئەمەس» دېگەن.

شى جىنپىڭنىڭ «بىز باش مىنىستىر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، بايېربوك بىلەن ئەمەس» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزى ئەينى چاغدا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك بەس مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاننالېنا بايېربوكنى ھېچ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى. ئەمما، 11-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ بايېربوك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر تېخى خىتايغا قارىتا ئۇنچە كەسكىن بىر ئىپادىلەر بىلدۈرمىگەنىدى.

29-دېكابىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسىي فېسېر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان چەت´ئەل تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەب قىلغان. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان چەت´ئەل تاۋارلىرى ئەلۋەتتە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك بولسا ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىنى نىشان قىلغانىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» بولسا بۇ يىل 3-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، 9-ئايدا ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لايىن تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنىدى. بايېربوكنىڭ خىتاينى قارىغا ئالغان بۇ ئىككى ئېنىق پوزىتسىيەسى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۈگۈن مۇنازىرىلەرنىڭ باش تېمىسى بولماقتا.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئۇنىۋېرسال مەلۇماتلار» گېزىتى 29-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، «بايېربوكنىڭ قارارى پەقەتلا سىمۋوللۇق بىر سىياسەت، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىشقا ئانچە چوڭ ياردىمى بولمايدۇ. خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى بۇنداق نىدالارغا پەقەت مۈرىسىنى قىسىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەنىلا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم قارشىلىق سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى چوقۇم ئىپادە بىلدۈرۈش كېرەك» دەپ يازغانىدى.

«نۈرنبېرگ خەۋەرلىرى» گېزىتى بولسا: «بايېربوكنىڭ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقانداق پايدىسى تەگمەيدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىمەن دەيدىكەن، بۇنىڭ بىرلا يولى بار: ئۇ بولسىمۇ خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە ھەرگىز پۇرسەت بەرمەسلىك» دېگەن.

«مېركۇر» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى گېئورگ 30-دېكابىر «بايېربوكنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى، خىتاينىڭ كوتائۇلىرى بولغاندىن ۋە مېركېلدەك خىتايغا نايناقشىپ يۈگۈرگىنىدىن ياخشى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلغان. بۇ يەردىكى «كوتائۇ» سۆزى قەدىمكى خىتايدىكى پادىشاھقا تەزىم قىلىپ تۇرغان بۇت ھەيكەللەرگە قارىتىلغان بولۇپ، مۇھەررىر بۇ ئىبارە ئارقىلىق «ئاننالېنا بايېربوكمۇ ئاشۇ بۇتلاردەك زۇۋان سۈرمەي خىتايغا تەزىم قىلىپ تۇرۇشى كېرەكمىدى ياكى مېركېلدەك خىتاينىڭ ئالدىدا نايناقشىپ يۈرۈشى لازىممىدى؟» دېمەكچى بولىدۇ.

ئوبزوردا مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلىدۇ: «ئاننالېنا بايېربوكنىڭ خىتايغا بېرىپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇسى كەلمىگەن. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا قارىتىلغان تەنقىدلەردە، بۇنىڭ ئەرزان بىر سىمۋوللۇق سىياسەت بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. بىراق ئۇلارنىڭمۇ باشقا تاللىشى يوق. ئەگەر باشقىچە بىر سىگنال بەرگەن بولسا، نەقەدەر نومۇسسىزلىق بولاتتى-ھە؟ خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنى زىندانلارغا بەند قىلىۋەتتى، تەيۋەنگە ئۇرۇش تەھدىتى سالماقتا، ئازسانلىق مىللەتلەرنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىماقتا، ئۆزىنىڭ سودا شېرىكلىرىنى بولسا قىينىماقتا، بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ سىياسەتچىلىرىمىز كوتائۇلارغا ئايلىنىپ بېيجىڭغا باش ئېگىپ تۇرۇشى، بۇ شۇم نىيەتلىك ئاپەتلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا ھەمتاۋاق بولۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشى لازىممىدى؟»

ئوبزوردا خىتاي زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىشنىڭ خىتاينى تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ يەنە شۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «مەڭگۈلۈك دۆلەت رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ غەربنىڭ خاراكتېرسىزلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇپ قالىدۇ. تېخىمۇ يامىنى، غەربنىڭ سۈكۈتى بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى كۈچنى دۇنياغا ئۆزىنىڭ تەرتىپلىرىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشقا جاسارەتلەندۈرىدۇ. بۇنداق بىر سۈكۈتنىڭ تەسىرى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئۇرۇش قوزغاش مۇددىتىنى قىسقارتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قىزىل ماندارىنلارنىڭ( خىتايلارنىڭ) ياۋروپالىق سودا شېرىكلىرىنىڭ ئادالەتسىز سودا كېلىشىملىرىگە قارشى ئىسيانلىرىنى تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ زور جاسارەت بىلەن يولغا قويۇشىنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى داغدام ئېچىپ بېرىدۇ.»

ئوبزوردا يەنە شۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەخمىقانە سىياسەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى پۇلغا سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، ھەممىدىنمۇ بۇرۇن مېركېل گېرمانىيەسى شۇنداق قىلدى، ئۇ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ماھىر چەۋەنداز بولۇپ سودىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۆزلىدى. خىتاينى يەرشارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئۆلچەملەرگە بوي سۇنۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر تېخىمۇ ئوچۇق ۋە ئورتاق بىر سىگنالنى خىتايغا يوللىشى لازىم. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر».