خىتاي BBC نىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئائىت دوكلاتىنى داۋاملىق ئەيىبلىمەكتە.
3-فېۋرال دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگىلىيەنىڭ BBC قانىلى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلاشلارغا دائىر بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيانى لەرزىگە سالغان ھەم خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى 4-فېۋرالدىن باشلاپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا بۇ دوكلاتنى ئىزچىل رەت قىلىپلا قالماي شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇۋانى بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا BBC نى ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» مۇ يەكسەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ BBC نى يالغانچىغا چىقاردى.
7-فېۋرال «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «BBC نىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى يالغان دوكلاتى: بىز سىزگە ھەقىقەتنى دەپ بىرەيلى» ناملىق ماقالىدا خىتاي تەرەپ يالغۇز BBC نىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلاشلارغا دائىر دوكلاتىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، BBC نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 2014-يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلىپ كەلگەن بىرقىسىم دوكلات ۋە خەۋەرلىرىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا ئىنكار قىلغان ۋە ئەيىپلىگەن.
ئۈستىگە خىتايچە، ئاستىغا ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بېرىلگەن بۇ ماقالە مۇنداق جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ: «BBC ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يامان غەرەز بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قارىلاپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، كۆپ قېتىم ھېچقانداق ئەمەلىي پاكىتلىرى بولمىغان يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ئاخباراتچىلىقنىڭ ئوبىيېكتىپ بولۇش، بىتەرەپ بولۇش ۋە ئادىل بولۇشتەك مەيدانىدىن چەتنەپ كەتتى.»
ماقالىدا تۇنجى بولۇپ BBC 2014-يىلى 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان «خىتاي شىنجاڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدۇ» ناملىق دوكلاتنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ: «دوكلاتتا شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىزمەتچى خادىملارنىڭ رامازان مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىنى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ، دېيىلگەن. ئەمەلىيەت بولسا مۇنداق: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي تەلىملىرىگە، دىنىي قائىدىلىرىگە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بىنائەن مەسچىتتە ياكى ئائىلىسىدە روزا تۇتۇش، دىنىي بايرام قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى تامامەن ئۇلارنىڭ شەخسىي ئارزۇسىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ دەخلى-تەرۈزىگە ئۇچراپ باققان ئەمەس ھەمدە ھېچقانداق چەكلىمەگە دۇچ كەلگىنى يوق.»
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ يالغۇز ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى تامامەن چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دىنغا باغلاپ ساناقسىز ئىنسانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«BBC نىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى يالغان دوكلاتى: بىز سىزگە ھەقىقەتنى دەپ بىرەيلى» ناملىق ماقالىدا خىتاي يەنە 2019-يىلى BBC ئېلان قىلغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ناملىق دوكلاتىنىمۇ ئىنكار قىلىپ، «1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ قايتا تەربىيەلەش مەركىزىگە سولانغىنى يالغان، ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› دەيدىغان نەرسىمۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، شىنجاڭ قانۇنىي ئاساسلارغا تايىنىپ تۇرۇپ تېخنىكا، مائارىپ بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، تېرورىزىمغا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرماقتا» دېگەنلەرنى بازارغا سالغان.
ماقالىدا BBC يەنە 2019-يىلى 4-ئىيۇل ئېلان قىلغان «خىتاي مۇسۇلمانلىرى: شىنجاڭدا مەكتەپلەردىن پايدىلىنىپ، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تاشلانماقتا» ناملىق دوكلاتقا، 2019-يىلى 13-نويابىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ پاختىسى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىشىسىنى قوزغىدى» ناملىق دوكلاتقا، 2020-يىلى 29-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» ناملىق دوكلاتقا، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا 2021-يىلى 3-فېۋرال ئېلان قىلىنغان «ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەربىر ئىنساننى يوقىتىش، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىق جىنسىي تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى» ناملىق دوكلاتقا قارشى ھجۇم قوزغىغان.
BBC نىڭ «ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەربىر ئىنساننى يوقىتىش، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىق جىنسىي تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى» ناملىق دوكلاتى ھەققىدە توختالغان ئەنگىلىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن بىرى، د ئۇ ق ئەنگىلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەنگىلىيە ۋە خەلقئارادا پەيدا قىلغان تەسىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر پاكىتلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ دوكلاتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.