3-فېۋرال BBC قانىلىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلاشلارغا دائىر ئېلان قىلغان خەۋىرى دۇنيانى لەرزىگە سالغان ئىدى. ئارقىدىن 8-فېۋرال ئەنگلىيەدىكى ئېسسېكىس ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى (Essex Court Chambers) نىڭ نوپۇزلۇق ئادۋوكاتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇنىي ئىسپاتلارنى ئېلان قىلدى. ئىزچىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنىي ئىسپاتلارنىمۇ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
مۇشۇنداق بىر پەيتتە داڭلىق رىياسەتچى رىتۇلا شاھ BBC رادىيو قانىلىنىڭ داڭلىق پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان «ھەقىقىي ھېكايىلەر» پروگراممىسىدا «ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، بېيجىڭنىڭ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا قانداق پىلانلىرى بار؟» دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا مەخسۇس توختالغان.
مۇنازىرىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم، خەلقئارالىق ئادۋوكات، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق قانۇن مەسلىھەتچىسى جون بېللىنگىر ئەپەندى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا ئىشلار ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس ئەپەندى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ژۇرنالىست ۋە رىياسەتچى ئىسابىل خىلتون خانىم قاتارلىق تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە بېيجىڭدىكى «خىتاي ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋىكتور گاۋ قاتناشقان.
پروگراممىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ئاندىنBBC ئاگېنتلىقىڭ 2019-يىلى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دە سۈرەتكە ئالغان فىلىمدىن قىسقا ئارىيە كۆرسىتىلگەن.
رەھىمە مەھمۇت خانىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى تۈپەيلىدىن باستۇرۇشىنىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ 4-5 ياش ۋاقىتلىرىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇر قالغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانام ۋە ئاكا-ھەدىلىرىم ناماز ئوقۇغاندا ئىشىكنىڭ ئىچىدىن تاقاپ قويۇشاتتى. بىزگە بۇنداق قىلغانلىقنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقىمىزنى جىكىلەيتتى. دادام ماڭا ‹ئەگەر ساقچىلار بېلىپ قالسا، مېنى تۇتۇپ كېتىدۇ، › دەيتتى. شۇڭا 4-5 يېشىمدىن باشلاپلا مەن دېيىشكە بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقنى بىلىپ چوڭ بولدۇم.»
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئىسابىل خىلتون خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىلىشىڭىز مۇمكىن ‹شىنجاڭ› دېگەن سۆز ‹يېڭى چېگرا› دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىسىمنى مانجۇلار قويغان. بۇ تېرىتورىيە سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدا. بۇ زېمىن خىتايلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تەۋە بولۇپ باقمىغان. يەنى بۇ ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەتكە ئىگە ئايرىم زېمىن. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1931-يىلىدىكى ئاساسى قانۇنىغا قارايدىغان بولساق، 14-بۆلۈمىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، يەنى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن خىتايدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى يېزىلغان.»
ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «بىراق 1949-يىلىدىن كېيىن ماۋزىدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئاپتونومىيە سىياسىتىنى قوللاندى. شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن نوپۇسى كۆپ بولغان مىللەتلەر ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگەرتىلىپ ماڭغان. يەنى خىتايدا يۈز بەرگەن 1940-يىلىدىكى ئىچكىي ئۇرۇش، 1960-يىللاردىكى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› قاتارلىق سىياسىي داۋالغۇشلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن. خىتاي ئاشۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي كىملىكىگە، مىللىي كىملىكىگە، ياشاش ئۇسۇلىغا ھۇجۇم قىلغان. ئەڭ مۇھىم بولغىنى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولۇشى خىتاينى بەك ئەنسىرەتكەن. ئۆزىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىشىدىن قورققان. ئەمدى يېقىنقى 8-9 يىلغا قارايدىغان بولساق، خىتاي مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇلارنى تولۇق ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان ئەھۋالنىڭ بىر قىسمى، خالاس.»
رىياسەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق» قا باغلىنىپ قالغانلىق ئەھۋالىنى سورىغاندا، پروفېسسورى شان روبېرتىس ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مېنىڭچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ‹بۆلگۈنچى› دېيىشتىن ‹تېرورچى› دېيىشكە ئۆزگەردى. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن 6 ھەپتە ئۆتكەندە خىتاي ئاق تاشلىق كىتاب چىقىرىپ، خىتايغا قارشى چىققان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قېلىنغان ‹ئەل-قائىدە› گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىدەك تەتۈر تەشۋىقاتنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ‹ئەل-قائىدە› گە باغلىدى، ھېچكىم بۇنى بەك ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمىدى. لېكىن 2002-يىلى يازدا ئامېرىكا تۇيۇقسىز ھېچبىر مۇتەخەسسىس ئاڭلاپ باقمىغان، خىتايمۇ بۇرۇن تىلغا ئېلىپ باقمىغان ‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› نى ‹تېرورلۇق تەشكىلاتى› دەپ ئېلان قىلدى.»
رىياسەتچى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق قانۇن مەسلىھەتچىسى جون بېللىنگىر ئەپەندىدىن، «ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى ‹ساددىلىق› بىلەن چىقىرىلغان قارارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، جون بېللىنگىر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ نۇرغۇن تەشكىلاتلارنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇ تىزىملىكتىكى تەشكىلاتلارنىڭ بەزىلىرى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تەلىپى ۋە ياكى ناھايىتى چەكلىك ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپلا كىرگۈزۈلگەن. ‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› مۇ شۇلانىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلانىڭ ھېچبىر دىنى رەھبىرىنىڭ خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى دەلىللەنمىگەن ۋە ھېچبىر ئەزاسى ئامېرىكاغا كېرىپ باقمىغان. مېنىڭچە بۇ قارار ‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› نىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكاغا ياكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكالىقلارغا تېرورلۇق تەھدىتى ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن چىقىرىلغان.»
شان روبېرتىس ئەپەندى قوشۇمچە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەدىكى ھەرخىل تەشكىلاتلارغا باغلاپ قارىلاشقا ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەردە قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاز بىر قىسمى ئەسكىرىي گۇرۇھلارغا قاتناشقانلار بولسىمۇ، كۆپىنچىسى خىتايدىكى زۇلۇمدىن قېچىپ ھايات يولى ئىزدەپ چىققانلار ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ، سۈرىيەگە بېرىپ قالغانلار ئىكەن. ئۇلار سۈرىيەدە ‹تۇرىدىغان ئۆي، يەيدىغان تاماق، بالىلىرىغا مەكتەپ بار› دېگەن ۋەدىلەر بىلەن سۈرىيەگە بارغان ئىكەن. سۈرىيەدە ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتقان ئوتتۇرا شەرق مۇخبىرلىرى ئۇيەردىكى ئۇيغۇرلار جىھاتچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئاخىرى ھايات تۇرىدىغان يەر تاپقان كۆچمەنلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ۋە قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىسابىل خىلتون خانىم مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن 1949-يىلدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ تىرىتورىيەسىدە قانداق رول ئوينىغانلىقنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ پەقەت قۇرۇق خەرىتىلا ئەمەس. خىتاي دەسلەپ شىنجاڭغا ئارمىيە ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بىر تۈركۈم خىتاي نوپۇسىنى يۆتكىگەن. ئۇ يەردە ئەمگەك لاگېرىنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغان بولۇپ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش نامىدا ئىشلىتىلگەن. ئۇلار يەنە لوپنۇر دىيارىدا ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ مول نېفىت بايلىقىغا ئىگە، پاختا ئۆستۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق جاي. شۇڭا شىنجاڭ خىتاي ئۈچۈن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىسىتراتېگىيەلىك مۇھىم رول ئوينايدۇ. ماۋ زامانىدىن باشلاپ خىتاي بۇ يەردە سىستېمىلىق ھالدا مۇستەملىكە سىياسىتىنى كۈچەيتكەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.»
پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلار خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكى ۋە خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە توختالدى.
شان روبېرتىس ئەپەندى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مۇ ياكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» مۇ دەپ تالىشىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكى، ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تونى بىلىنكىن ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، لېكىن باشقا ھېچبىر دۆلەت ‹جەنۋە ئەھدىنامىسى› دە ئېيتىلغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن خۇلاسىگە كەلمىدى. شۇڭا بايدىن ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قارار چىقىرىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاۋاتىدۇ.»
رەھىمە مەھمۇت خانىم نىمىشقا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «مەيلى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتالسۇن ۋە ياكى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئاتالسۇن، بىز بىر قانۇنىي قارارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم، چۈنكى قانۇنىي قارار چىقىرىلغاندا، بىز قارارغا تايىنىپ تۇرۇپ ئەنگلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ھەر قانداق مۇناسىۋەتلەردە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلالايمىز.»
ئۇ يەنە ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا خىتاپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تۆت يىلدىن بۇيان دۇنيا بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، بارلىق ھۆكۈمەتلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ئېغىر ئەھۋالدا، دۇنيا چوقۇم ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»