يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ كەلگەن ئىدى. 2-مارت كۈنى خەلقئارالىق داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدىن بىرى بولغان BBC خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ لاگېرلارغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەردى.
مەزكۇر خەۋەرنى BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون سۇدۋورز 2017-يىلى خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلەرنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن بىر سىن كۆرۈنۈشىدىكى كىشىلەرنى ۋە زاۋۇتلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا ئىشلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون سۇدۋورز ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.
خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە بېرىلگەن سىن كۆرۈنۈشىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە موكۇيلا يېزىسىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگەك كۈچى توپلاش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى، ئەمما ھېچكىمنىڭ تىزىملاتقىلى كەلمىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي خىزمەت ئىشلەپ دېھقان قىزلىرىنى ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن 19 ياشلىق قىز بۇزەينەپ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ، خىتاي كادىر قىزنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ۋالاقلايدۇ. قىزنىڭ چارىسىز كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ، يەرگە قاراپ تۇرۇۋالىدۇ. يەرلىك كادىرلارنىڭ تەھدىت نەزەرى ۋە خىتاي تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئېكرانى ئالدىدىمۇ بېشىنى چايقاپ «بارمايمەن» دەيدۇ. ئەمما بىچارە قىز بېسىمغا چىدىماي يىغلاپ تاشلايدۇ ۋە «باشقىلار بارسا مەنمۇ باراي» دەيدۇ. بۇزەينەپكە ئوخشاش نەچچە يۈزلىگەن قىزلار ئاتا-ئانىسى بىلەن يىغلاپ خوشلىشىپ، ئون نەچچە يىل ياشىغان يۇرتى، ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئىچكىرى خىتايدا قۇل ئىشچى بولۇش سەپىرىنى باشلايدۇ.
2004-يىلدىن 2005-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا ياشىغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر قانچە قېتىم زىيارەتتە بولغان بولغان ئەنگلىيە شېفىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋىي قۇللۇق پروگراممىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى پروفېسسور لاۋرا مۇرفى BBC غا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ بۇ پروگراممىلارغا ئۆزى خالاپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئوپ-ئوچۇق كىشىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مۇتلەق يول قويۇلمايدىغان مەجبۇرلاش سىستېمىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە بۇ كىشىلەرنى ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› ئۈچۈن دەپ ئېيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش، نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئائىلە قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
بۇ ھەقتە داڭلىق تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ۋە «خىتايدا ياسالغان: مەھبۇس، جىددىي قۇتقۇزۇش خېتى ۋە ئامېرىكانىڭ ئەرزان باھالىق بۇيۇملىرىنىڭ يوشۇرۇن تەننەرخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئامىلىيا پاڭ خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ دوكلاتنىڭ غەربتىكى چوڭ ئاخبارات قانىلىدا بېرىلگەنلىكىدىن بەك خۇشال بولدۇم، چۈنكى يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەر ئاساسلىقى لاگېرلار، لاگېرلاردىن يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتايدا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى› نامىدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› مەۋجۇت. تۈرمە، لاگېر ۋە باشقا ھەر خىل ئورۇنلاردا چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. BBC نىڭ خەۋىرىدە كۆرگىنىمىزدەك، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاراتقۇلىرىدا بەرگەن خەۋىرىدىكى ‹يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەك پروگىراممىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار يىغلاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بارغۇسى يوق. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن، ئۆز ئائىلىسىدىن، دوستلىرىدىن ئايرىلغۇسى يوق. خىتاي تاراتقۇلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ئۇلار ‹كەسپىي تەربىيەلەش› ئۆزلىرى خالاپ بارغان ‹خۇشال ئۇيغۇر› لار ئەمەس.»
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ «ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچىكىرى ئۆلكىرىگە يۆتكەشتىكى ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملاتسىيە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئىكەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قۇرۇلغان لاگېرلار يەرلىك ئاھالىلەرگە مىسلى كۆرۈلمىگەن قورقۇنچ ۋە بېسىم پەيدا قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى خالىغىنىنى سولاپ، خالىغىنىنى قىيناپ، چوڭلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ياشلىرىنى ئىچكىرىگە ھەيدەپ ماڭسىمۇ، ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدىغان ھال شەكىللەنگەن. ئەركىن ئىگىلىك، ئەركىن تىجارەت تامامەن ئۆلگەن، ھەممە ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزىغا قاراشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى «قۇتقۇزغۇچى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، نامراتلارنى يۆلەش باھانىسى بىلەن يېزا-قىشلاقلاردىكى گۈزەل قىز، بەرنا يىگىتلەرنى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىچكىرى خىتايغا قۇل ئىشچى بولۇشقا مەجبۇرلىغان.
رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىپ قۇل ئەمگىكىگە سېلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئازايتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ مەقسەتنىڭ BBC ئارقىلىق پاش بولۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى رەسمى يورۇتۇپ بەردى.»
جون سۇدۋورز ماقالىسىدە يازغاندەك، مەجبۇرىي ئەمگەك نامىدىكى زوراۋانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خانىۋەيران بولغان، ياشلىق ئارزۇلىرى ۋە ئەركىنلىكىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر يىگىت-قىزلىرى خىتاينىڭ تۈرمە سىستېمىسىدىكى زاۋۇتلىرىدا قۇلدەك ئىشلىتىلمەكتىكەن.
ئامىلىيا پاڭ خانىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىپ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى، مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىدۇ. مانا بۇ خىتايلارنىڭ ئاساسى مۇددىئاسى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىشى ۋە ھەقىقەتنى سۆزلەپ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشى كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى يەتمەيدۇ، مەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
رەھىمە مەھمۇت خانىم BBC نىڭ بۇ خەۋىرى ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىدە قارار ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
13-يانۋار ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئارىلاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.