ب د ت نىڭ 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا كۈرەش يۈز بەردى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابىدا 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى چاقىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك خاتىرىسى قاراپ چىقىلغان. بۇ يىغىندا تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەت خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھېچقانداق ياخشىلانمىغانلىقى، ئەكسىچە ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى مېشەل تايلور خانىم خىتاينى ناھايىتى كەسكىن ئەيىبلىدى.

ئۇ سۆزىدە «ب د دت يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مۇشۇ سائەتتىمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىقلارغا باستۇرۇش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ۋە «بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىغىنى يوق» دېدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۈرمىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ھېلىمۇ توختىمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي ۋەكىللىرى بۇ قېتىممۇ يەنە، بىر قىسىم ساختا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر نەپەر رابىيە ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنى بىللە ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئايال، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، پېنسىيە مائاشى دېگەندەك ئۆگىتىلگەن تېمىدا خىتاينى ئاقلاپ سۆز قىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا ئۇنى يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

بۇ قېتىمقى 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە د ئۇ ق، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۈگۈنكى بۇ كېڭەشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ جەنۋەدىكى ئۈچ كۈنلۈك پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۈگۈن، يەنى 4-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن خىتاي تەرەپمۇ ب د ت دا بىر يانداش يىغىن چاقىرغان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللىرى بۇ يىغىندا غەرب دۇنياسىنى، جۈملىدىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى دەپ ئەيىبلىدى. بۇ يىغىندا دولقۇن ئەيسا ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار سوئال سوراش ئۈچۈن قول كۆتۈرگەن بولسىمۇ خىتاي تەرەپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ سوئال سورىشىغا قارشى چىقتى.

بۇ سەۋەبتىن يىغىن ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار خىتاي ۋەكىللىرى ئولتۇرغان سەھنە ئالدىغا بېرىپ، «سىلەر بۇ يەردە سىلەرنىڭ جىنايىتىڭلارنى ئەيىبلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنى قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدىڭلار، ئەمما سىلەر بۇ يەردە بىزنىڭ سوئال سورىشىمىزدىن قورقتۇڭلار ۋە بىزنىڭ سوئال سورىشىمىزغا قارشى چىقتىڭلار، قوش ئۆلچەمنى زادى كىم ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ بىزنىڭ ئائىلىمىز نەدە؟ قېرىنداشلىرىمىز نەدە؟ » دەپ سوئال سورىغاندا خىتاي ۋەكىللىرى جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن سورىغان سوئالى ۋە نەق مەيداندىكى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

ب د ت باش ئىشتابىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ب د ت يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچىدە ۋە تېشىدا خىتاي بىلەن كەسكىن لوبىچىلىق كۈرەشلىرى ئېلىپ بارغان، خىتاي تەرەپ ھەر قايسى ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن پاراڭلىشىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن بولۇپ، ئافرىقا ۋەكىلى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى كېلىپ ئافرىقا ۋەكىلىنى قولىدىن تارتىپ ئەكەتكەن، بۇ ئەھۋال نەق مەيدان يىغىنى ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشقا چىققان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جەنۋەدە ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ كۈندە رەسىم كۆرگەزمىسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۈمە كۈنى، يەنى 5-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، 5-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ب د ت دا خەلقئارا ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە د ئۇ ق بىرلىكتە «خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئىسلام نەپرەتچىلىكى» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن.