ب د ت بىناسى ئالدىدا تۇنجى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» چىقىرىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىشى ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان پات-پاتلا ئاڭلىنىپ قالىدىغان خەۋەرلەر بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ جايدا بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىل 12-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېميىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلەش ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدا بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتىن ئىلگىرىلا نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتى ئېلىنغان بولسىمۇ، تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بەك كۆپ ئادەم توپلىنىشقا بولماسلىق بەلگىلىمىسى ھېلىھەم كۈچكە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن ئادەم سانىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمىگەن ئاساستا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ب د ت بىناسى ئالدىغا توپلاندى. ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن سۆز ئالدى ھەمدە بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى» نى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» گە ئېھتىرام بىلدۈرۈش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىلشات ھەسەن سۆز قىلىپ 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قەشقەردىن تاكى غۇلجىغىچە بولغان جايلاردا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى لەپىلدەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا ئەينى ۋاقىتتا مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشتەك يەنە بىر ئورتاق ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان ب د ت ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلىشنىڭ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بايراق چىقىرىش ۋە دۆلەت شېئىرى ئوقۇشتىن كېيىن ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك تىلەش، لاگېرلارنى تېزدىن تاقاش، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە لەنەت ئوقۇش مەزمۇنىدىكى شوئارلارنى توۋلىدى.

ئامېرىكادىكى كۆپكە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، دورىگەرلىك ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە نامايىشچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدىن باشقا قوشۇمچە ئۇيغۇر ئاكادېميىىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رىشات ئابباس بۇ قېتىمقى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇشۇنداق بىر ئورۇندا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» چىقىرىشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بەكمۇ زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغانلار ئارىسىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دوكتور گۈلنار ئەزىزمۇ بار بولۇپ، بۈگۈنكى پائالىيەت ئۈچۈن ئالايىتەن نيۇ-يورك شەھىرىگە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نامايىش جەريانىدا خىيالىدىن كەچكەن ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ «ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا لەپىلدىشىگە ئىشەنچىم بار» دېدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى گەرچە ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بەك چوڭ كۆلەملىك قىلىشقا ئىمكان بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ چوڭ دۇنياۋى تەشكىلات بولغان ب د ت بىناسى ئالدىدا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئىلشات ھەسەننىڭ نەزىرىدە بىر يېڭى باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ زور ئۇتۇقلارنى كۆرۈش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 12-نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىدا «شەرقىي تۈركىستان مارشى» نى ياڭرىتىش ھەمدە مارشقا جۆر بولغان ھالدا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ھالدىن تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۆرمەكتە ئىكەن.