4-مارت كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇھىم توقۇنۇشلار، مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر دوكلات سۇنغان. ئۇ، دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بىر قىسىم مۈجمەل ماددا ۋە تېرىملار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 30 يېڭى تەدبىر قوللىنىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى… مەن خىتاينى ‹جىنايى ئىشلار قانۇنى› نىڭ 293-ماددىسىدىكى ‹جېدەل-ماجىرالارنى پەيدا قىلىش ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش› دېگەن بۇ مۈجمەل جىنايەتكە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرىمەن ھەمدە بۇ خىل جىنايەت بويىچە قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە باشقىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
ۋولكېر تۈرك سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن:
«مەن يەنە (خىتاي) ھۆكۈمىتىنى مېنىڭ ئىشخانام ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلاردىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان قانۇن، سىياسەت ۋە ئىجرائاتلار ھەققىدە بەرگەن تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىمەن.»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 2022-يىلى 8-ئايدا ئاخىرى ھەل قىلغۇچ بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايغا رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەيدىغان بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەرگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفېي رېچاردسوننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى نەزەردە تۇتقاندا ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈركنىڭ باھاسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ قالغان. ئۇ، بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ۋولكېر تۈركنىڭ يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆز ئىشخانىسى چىقارغان دوكلاتنىمۇ ئوچۇق تىلغا ئالالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ۋولكېر تۈركنىڭ يىغىندا ئۆز ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە چىقىرىلغان دوكلاتنى ھەم ئۇنىڭدىكى خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى يەكۈننى ئوچۇق تىلغا ئالالماسلىقى كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى قىلغان سۆزلىرى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاشتىن بەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويماسلىقنى چىقىش قىلغاندەك تۇرىدۇ.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ ئۆز ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلات بويىچە ئىش كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ۋولكېر تۈرك ئەينى چاغدا دوكلاتتا دېيىلگەنلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلايدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى كونكرېت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ۋولكېر تۈركنىڭ سۆزىنى بىر ئىلگىرىلەش دەپ قاراشقا بولسىمۇ بىراق ئۇنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ۋولكېر تۈركنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى بىر ئىلگىرىلەش دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىراق ئۇ يېتەرلىك ئىلگىرىلەش ئەمەس. بىز ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان دوكلاتتا دېيىلگەنلەر بويىچە خىتاي ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇ، ئۆزى ئۇيغۇر مەسىلىنى بۇرۇندىن ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ھازىرغىچە بۇنىڭدىن نەتىجە چىقمىدى. »
ۋولكېر تۈرك 4-مارت كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە ئۆز ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي ئەيىبلەشلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلاشنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
« «خىتاي بىلەن بىزنىڭ ئىشخانىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى، جىنسىي باراۋەرلىك، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش، پۇقرالار ھوقۇقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملاشماقتا. بۇ دىيالوگنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساھەلەرنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ كونكرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ناھايىتى مۇھىم. »
دوكتور سوفېي رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ھازىرغىچە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر بولسۇن ياكى ب د ت غا ئوخشاش ئورگانلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ‹ياخشى گەپ بىلەن، خىتاينى رەنجىتىپ قويمايدىغان ئۇسلۇب بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت› خاتا ئۇسلۇبنى قوللىنىپ كەلگەن. ئۇ ۋولكېر تۈركنىڭمۇ ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ۋولكېر تۈرك ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر ۋە ھەمدە ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۈگۈنگىچە سادىر قىلغان خاتالىقنى يەنى، خىتاي بىلەن توغرا كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى قۇرغاندا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەيدىغان خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىلى 30 يىلدىن ئاشتى، بىراق بۇ خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشتىن توسۇپ قالالمىدى. شۇڭا بۇ خاتالىقنىڭ بۇنچە ئۇزۇن سادىر قىلىنىشى كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ، خىتاي ھەققىدە ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان بولۇشى ھەتتا ب د ت باش سېكرېتارى ۋەزىپىگە قايتا سايلىنىش ئارزۇسى بىلەن ئۇنىڭغا خىتايغا بەك قاتتىق تەگمەسلىكنى جېكىلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. »
دەرۋەقە، يىغىندا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىشنىڭ پۇقرالارنىڭ ئادىل بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان، ئىسرائىلىيە ۋە خاماس توقۇنۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان، رۇسىيەنىڭ ئۆكتىچى رەھبەر ناۋالنىينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋولكېر تۈرك ئەپەندى خىتاي ھەققىدە توختالغاندا «مەن خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن خىتاينى بۇ ئىلگىرىلەشلىرىنى قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان ئىسلاھاتلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمەن» دېگەن يۇمشاق سۆزلەرنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى تەنقىد قىلمىغان.
ۋولكېر تۈرك 2022-يىلى 11-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ شۇنىڭدىن بېرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.