كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەكشۈرۈشىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن باھانىلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تەينەكەي «ئاكسىئوس» خەۋەر تورى مۇخبىرىنىڭ خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلىدىغان، ياكى قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، سۈي تەينكەي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ، جاۋابىدا «بەزىلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتلەردە چىڭ تۇرۇۋېلىۋاتقانلىقىنى» ھەمدە بۇلارنىڭ «ئورۇنسىز ۋە ئارتۇقچە توسالغۇلار» ئىكەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان.
سوفي رىچاردسون مۇنداق كۆرسەتكەن: «بۇ ئاجىز سەۋەبلەر ئۇ يەردىكى رىياللىقنى خۇنۈكلەشتۈرەلمەيدۇ. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شىنجاڭدىكى زور كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن شاھىتلىرى تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن مىسلىسىز ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى ئوبدان بىلىدۇ.»
ئۇ يەنە لاگېرلاردا دەھشەتلىك قىيناش، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندىن باشقا، ئىنسانىي قەدەر-قىممەت ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاياقئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، لاگېر سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭمۇ لاگېر ئىچىدىكى ۋەزىيەتتىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، دەرىجىدىن تاشقىرى تەقىبلەش، چەكلەش ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك جازاغا تارتىلىش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلىدۇ.
ئۆتكەن يىلى مارتتىن بۇيان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت خانىم ئۇيغۇر ئېلىنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى شەرەتلەرگە تېخى ماقۇل كەلمىگەن ئىدى.
سوي رىچاردسون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «چەكلىمىسىز مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى رەت قىلىش كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سوراققا تارتىلىشىدىن قورقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى. شۇڭلاشقا، شىمالىي كورېيەلىكلەر، رھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە ۋېنېزۇئېلالىقلارغا قارىتىلغان قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ سىرتىدا ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس.»
ئۇ ئاخىرىدا خىتاي ئۆزى تەشكىللىگەن «شىنجاڭ زىيارەتلىرى» نىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە تەكشۈرۈشكە يول قويمىسا، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشنى خىتاينىڭ سىرتىدا داۋام قىلىشى ۋە تېپىلغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان: «چۈنكى بۇ يەردە ھەقىقىي ئورۇنسىز ۋە ئارتۇقچە بولۇۋاتقانلىقىنى شىنجاڭدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەپسەندە قىلىنىشىدۇر.»