ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەڭ چوڭ پائالىيەتلەردىن 2019-يىللىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى مەلۇم. شۇ قېتىملىق يىغىنغا ئۇلاپلا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بولسا بۇنى تېخىمۇ بىر بالداق يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

24-سېنتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن ئېچىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دېيۋىد ستىلۋېل بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلدى. يىغىن مەيدانىغا ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن باشقا داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ جەم بولغان ئىدى.

يىغىن بېشىدا ياردەمچى مىنىستىر دېيۋىد سۆز ئېلىپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادە قىلغانلىكى كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دۇنيانىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەققىدە سوئال سورالغاندا ياردەمچى مىنىستىر دېيۋىد مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلىگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس قاتۇرۇۋاتقىنىمىز يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئوخشاش ئوي-پىكىردىكى 22 دۆلەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى بىر پارچە مەكتۇپ ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي دەرھال بۇنىڭغا قارشى 37 دۆلەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارشى مەكتۇپ تەييارلاپ چىقتى. ئەمما ئاشۇ قارشى مەكتۇپقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ساھىبخانىلىق قىلغان تۈنۈگۈنكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تېمىسىدىكى يىغىندىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئال ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى پائالىيەتلەردىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىلاردىن بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭ بۇلارنى تىلغا ئېلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يالغۇز ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى ھازىر ›سۇ‹نىڭ تېمپېراتۇرىسى راۋۇرۇس ئۆرلەۋاتىدۇ. بۈگۈنكى يىغىننىمۇ بىزگە ئوخشاش بەش دۆلەت ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇردۇق. بىز ئەمدى بېيجىڭ بۇ ئىشلارغا نېمە دەيدىكىن، دەپ قاراۋاتىمىز.»

شۇ قاتاردا «ياپونىيە ئىقتىسادى خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خۇاۋېي»، «خىكۋىژىن» قاتارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بۇنىڭ ئاددىيلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت سوتىغا قانداق جاۋاب بېرىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇرلار دىيارىدا نازارەت دۆلىتى بەرپا قىلىش يەنە بىر ياقتىن خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر نازارەت سىستېمىسىغا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى دۇنيا مىقياسىدا سېتىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتلەر بولسا بۇ ۋاستىلار ئارقىلىق تەنقىد سادالىرىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە يېگانە ھادىسە ئەمەس. ئادالەتنىڭ سوتى ئېچىلغاندا ھەر بىر دۆلەت بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. 21-ئەسىردە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن ئادەتتىكى سودا يوسۇنىدا سودىلىشىشنى داۋام ئەتتۈرۈش ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىگە ياتىدۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق بىزگە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا ئاز دېگەندىمۇ 435 نەپەر يۇقىرى مەلۇماتلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى غايىب قىلىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ۋە پەننىي ساھەلەرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەركىلىرى ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مىراسلىرىنىڭ سەرخىل مۇھاپىزەتكارلىرى ئىدى. بىز مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىمىزدا ئەنە شۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى، دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى تاشپولات تېيىپكە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەمدە بۇ جازانىڭ پات يېقىندا ئىجرا بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتىدۇ. قىسقىسى ھازىر ئۇيغۇرنىڭ ئالىملىرى، پىكىر يېتەكچىلىرى، سەنئەتكارلىرى، تەنتەربىيە چولپانلىرى، دىنىي يېتەكچىلىرى، سودا يېتەكچىلىرى بىردەك زامانىمىزدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ ئېتىبار بېرىشىڭلارنى، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.»

يىغىندا سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى يېقىندا ئاشكارا بولغان نەچچە يۈز ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا مەلۇم بىر پويىز ئىستانسىسى ئارقىلىق يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيو ھەمدە بۇنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە بولدى.

ياردەمچى مىنىستىر دېيۋىد ستىلۋېل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى راست، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى كۆرگەن ھەمدە بۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ قەشقەرگە يېقىن بىر جايدا بولۇپ، باياتىن نۇرى تۈركەلمۇ بۇنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ھازىر بۇنداق ئىشلار ئۇ جايدا كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما قىزىق يېرىش شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ دەرىجىدە قاماش ئەھۋالىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھازىر ساماندەك كۆپ ئاشكارا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى خادىملار شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ ‹ئۇ جايدا ئۇنداق ئىشلار يوق ئىكەن› دەپ خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە ب د ت كېيىنچە بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە دېلىغۇل بولۇپ، ئۇ جايغا بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ بۇنى تەستىقلاش لازىملىقىنى ھېس قىلدى. ئەمما مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئەگەر ئۇ جايدا راستىنلا ھېچقانداق ئىش بولمىغان بولسا كىشىلەر ئۇ جايغا بارالايدىغان بولسۇن. بۇنىڭغا خىتاي ئىشىكنى داغدام ئېچىپ ھەيرانلىقتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇ جايغا بېرىشىغا ھەمدە راستىنىلا ھېچنەرسە بولمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشىگە يول قويۇشى لازىم.»

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن بىز نۇرى تۈركەل بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىگە قارىتا «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېگەن يەكۈننىڭ كۈچلۈك يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باشقا يىغىنلاردىن قانداق پەرقى بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا قارىتا «بۇ يىغىندىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى جانلىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ مۇدىرى ئۆمەر قاناتمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياردەمچى مىنىستىر دېيۋىد ستىلۋېل ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدە 35 يىل خىزمەت قىلغان ھەمدە برىگادا گېنېرال دەرىجىسىگە ئېرىشكەن كىشى ئىكەن. تىلشۇناس، ئۇچقۇچى ھەمدە ھەربىي قوماندان بولغان دېيۋىد ستىلۋېل ئاسىيا تىللىرىغا، جۈملىدىن خىتايچىغا پىششىق بولۇپ، 2010-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىرنەچچە يىل ھەربىي ۋەكىل بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.