بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ، «ئىيى» يەنى، «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئەمدى نۆۋەتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم بۇغرا، د ئۇ ق ۋەكىلى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.
پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئاخبارات باياناتىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىىسسارىياتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ بارلىق بېسىمىغا قارىماي بىر يىل كېچىكىپمۇ بولسا ئېلان قىلىنىشى كىشىنى قاتتىق سۆيۈندۈرىدۇ. بۇ خىتاينىڭ 73 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنغانلىقى ھېسابلىنىدۇ».
پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى 48 بەتلىك دوكلاتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 48 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇلاردىن سىرت دوكلاتتا، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك قانۇنلىرىنى يەرسىز ئىجرا قىلىش نەتىجىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى، تۈرمىلەردە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خەلقلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۆپ ساندا مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىغان دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، پىلانلىق تۇغۇت نامى ئاستىدا بالىلارنى چۈشۈرۈۋېتىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى تەپسىلىي ھۆججەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دوكلاتتىكى چاقىرىقلارنى ئورۇنلاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 48 بەتلىك دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ قاماققا تاشلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
بىز ب د ت دوكلاتىدا يەر ئالغان تەلەپلەرنى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلسا، بۇ دوكلاتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ دوكلاتتىكى تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە باشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بۇ دوكلاتقا ئاساسەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋام قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىگە-چاقىسىز ئەمەستۇر. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى قەيەردە ئېزىلگەن خەلق بولسا ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋام قىلىمىز».
«ئىيى» پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەدۇر. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئاخبارات يىغىنىڭ ئاخىرىدا پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز›ئىيى‹پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 2018-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەقتە دوكلاتلار تەييارلىدۇق، يىغىنلار چاقىردۇق. بىز› ئىيى ‹پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى›شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى‹توغرىسىدا ئۈچ تىلدا ئەتراپلىق دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدۇق ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلاتتۇق».