ئەزىم ئىبراھىم: «ب د ت خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن قورقۇۋاتىدۇ!»

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خىزمەتتىن ئايرىلىش ئالدىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلات دۇنيا مىقياسىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قىزىق تېمىلاردىن بولۇشىغا سەۋەب بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالىي دەرىجىدىكى بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ نامىدىن ئېلان قىلىنىشى ماھىيەتتە يىللاردىن بۇيان پائالىيەتچىلەر، تەشكىلاتلار، ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋاستىلىك ھالدا دەلىللىگەن بولدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، بۇ دوكلاتنى يەنىلا زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفسسسورى، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان «يېڭى لىنىيە ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئەزىم ئىبراھىم (Azeem Ibrahim) ئىمزاسىدا 6-سېنتەبىر كۈنى «چەت ئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە، ب د ت نىڭ ئاجىز بىر خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇش سۈپىتىدە خىتايدىن قانچىلىك قورقۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بىر دوكلاتنى كېچىكىپ بولسىمۇ ئېلان قىلىشى ئالقىشلىنىدۇ.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئەزىم ئىبراھىم (Azeem Ibrahim) يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى سېنتەبىر.

دوكتۇر ئەزىم ئىبراھىمنىڭ قارىشىچە، دوكلاتتا ناھايىتى ئەپسۇسلۇق ھالدا «قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمىگەن. ھەتتا بۇ ئاتالغۇنى تەۋسىيە قىلىشقىمۇ يول قويۇلمىغان. يەنە بىر نۇقتا بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىببىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئاياللارنى تۇغالماس قىلىۋېتىش ھەققىدىكى مەزمۇن زور دەرىجىدە قىسقارتىۋېتىلگەن. دوكلاتتا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى «مۇمكىن» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاخىرىقى ھۆكۈمنى چىقىرىشتا يەنىلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئوخشاش ئورۇنلارنىڭ قانۇنىي تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ، دېگەن قاراشتا بولغانلىقى ئېنىق ئىكەن. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئەزىم ئىبراھىم مۇشۇ خىلدىكى ئەپسۇسلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى يەنىلا ھەقىقەتنىڭ نامايەن بولۇشىدىكى بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى:

«ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن مەن بەك ھەيران قالدىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قولىدىن كېلىدىغانلىكى چارىلارنى ئىشقا سېلىپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان ئىدى. مۇنداقچە ئالغاندا ئۇلارنىڭ شاپاشلاپ ھارمىغان قەدەملىرىگە بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى تازا لايىق بىر ‹جاۋاب› بولدى. ئەمما بۇنىڭدىكى زادىلا قاملاشمىغان بىر ئىش شۇ بولدىكى، دوكلات تەييار بولغاندا ئۇلار بۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا يوللاپ بەرگەن. ئاندىن ئۇلار بۇنى ‹تەھرىرلەپ چىققان›. بۇ تارىختا زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان يەنە بىر ئىشتۇر. چۈنكى مەن بۇ خىلدىكى ئاۋۋال بىر دوكلاتنى يېزىپ چىقىپ، مەلۇم بىر جىنايەتنى ئەيىبلەيدىغان، ئاندىن بۇنى شۇ دوكلات چېتىشلىق شەخسكە ئەۋەتىپ بېرىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىپ ئۆزگەرتىدىغان بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى تېخى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىغان. شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، بۇنى يەنە ئوڭۇشلۇق بولغان بىر قەدەم دېسەكمۇ بولىدۇ. مىشېل باچېلېت خىتايغا بارغاندا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنى كۆزىدىن كەچۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا سىرتتا گەپ-سۆز بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ شىنجاڭدا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ‹نامايەن قىلدى›. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا بىر مەيدان تەشۋىقات ئويۇنى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە كېلىپ بۇ دوكلات ئاجىزراق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلىيەلمىدى. ئەمما دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ھەقىقەت تامان ئېلىنغان بىر زور قەدەم بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلار راست بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن تاشقىي دۇنيا بۇ ئىشلاردىن يەنە بىر قېتىم خەۋەردار بولدى. گەرچە ئۇنىڭدىكى تەۋسىيەلەر ئاجىز بولسىمۇ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ كىچىككىنە بىر قەدەم ئېلىش بولغانلىقتىن بۇ قەدەم بەك يىراققا مېڭىپ كېتەلمەيدۇ.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا گەرچە «قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ قوللىنىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم دوكلاتلار قايتا-قايتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دوكلاتتا بولسا ئەنە شۇ دەلىل-ئىسپاتلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا دەلىللەر بايان قىلىنغان ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» دەك رېئاللىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتكەن ھالدا خىتاينىڭ غەرەزلىك ھالدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشلىرى بىر مىللەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تولۇق يوقىتىشنى ئاخىرىقى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىدا بۇ ھەقىقەتنىڭ ۋاستىلىك ھالدا يورۇتۇلۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

دەل مۇشۇ خىل ئەجەللىك نازۇك نۇقتا خىتاي ھۆكۈمتىىنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك پەرىشان قىلىۋەتكەن. بۇ جەرياندا غەيرى-رەسمىي يوللاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋاستىلار ئارقىلىق بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدۇرماسلىققا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. خۇددى بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋابا يۇقۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۆزىنىڭ خاھىشىغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا قىستىغاندەك، بۇ قېتىممۇ ب د ت نى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ماس ئىش قىلىشقا قىستىغان. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ب د ت نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولۇشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ب د ت قارمىقىدىكى كومىتېتلاردا مۇھىم مەنسەپلەرنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ ب د ت تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بارلىق سادالارنى توسۇپ قېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدەك ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك قىلمىشىنى «خەلقئارا تەرەققىيات ئەندىزىسى» دەپ پەردازلىشى دېگەنلەر يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ بەزىلەر خىتاينىڭ بۇ دوكلاتنى باسۇرۇپ قويۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس، دەپ قارىغان.

شۇڭا ئەزىم ئىبراھىم بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا دوكلاتنىڭ ئاخىرقى مىنۇتتا ئېلان قىلىنىشىنى بىر قېتىملىق مۆجىزە، دەيدۇ:

«خىتاينىڭ خەلقئارا سورۇنلاردىكى ۋە سەھنىلەردىكى تەسىىرى بەك چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقتىن ب د ت غا ئوخشاش ئاجىز تەشكىلاتلارمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىغان. قارايدىغان بولساق، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي سەپىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كونتروللىقىدا ۋە تەسىرىدە بولدى. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى كۆزدىن كەچۈرگەنلىرىمۇ خىتاينىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەلگە ئاشتى. شۇڭا ھازىر كۆپلىگەن ئىشلار، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئ‍ارزۇسى بويىچە شەكىل ئالىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. قارايدىغان بولساق ‹يېڭى لېنىيە ئىنستىتۇتى› دا مەن ئەينى ۋاقىتتا 50 نەچچە داڭلىق مۇتەخەسسىسنىڭ ھەمكارلىقىدا تەييارلاپ چىققان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتتا شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساقمۇ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بۇ ئىشلار ھەققىدە لام-جىم دېمەي تۇرىۋالغان ئىدى. بۇ ھادىسىلەرمۇ ماھىيەتتە ب د ت نىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى بەكمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ئاجىزلىقنى بايقىغان خىتاي تېزدىن بۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئۆز پايدىسىغا ئىشلەتمەكچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆز تەسىرىنى ئۆتكۈزەلىسىمۇ ب د ت نىڭ تۆت چوڭ پىرىنسىپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قىسمەن ھالدا بەزى ئىشلارنى توغرىلاپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئەمما ب د ت نى پۈتۈنلەي قورال قىلىۋېلىش مەقسىدىگە يېتەلمەيدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتى گەرچە ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئاجىز بولغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پاش قىلغانلىقى بىلەن ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ دوكلات ھەققىدىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر داۋاملىق ئ‍وتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.