نىكولاس بىكۇلىن: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايىتى جازاسىز قالماسلىقى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.10.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
جوۋ بايدېننىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى سۆزى غۇلغۇلا قوزغىدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022-يىللىق قۇرۇلتىيىنىڭ 77-يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 21-سېنتەبىر، نيۇ يورك.
AP

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، ب د ت نى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىغان چاقىرىقلار كۈچەيمەكتە. بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىلىرى ب د ت 'نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ساقلاپ قېلىشتا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى ۋە ھازىر ئامېرىكادىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (YALE) زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى دوكتور نىكولاس بىكۇلىن (Nicholas Bequelin) 30-سېنتەبىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايىتى نېمىشقا جازاسىز قالماسلىقى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويغان ماقالىسىدە دەل مۇشۇ نۇقتىنى نۇقتىلىق مۇلاھىزە قىلغان. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى» كۆرسىتىلگەن دوكلاتىدىكى قورقۇنچلۇق پاكىتلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:

«ب د ت ئارقىلىق تەشكىللىنىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەت زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنى تاشلىشى، مەھبۇسلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشى ۋە بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مەسىلە ئەمدى شىنجاڭدىن ھالقىپ كەتتى. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىقتىدارىنى خىرەلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تەشكىللىك ھەرىكىتىگە قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۇ يەنە ماقالىسىدە ئەگەر ب د ت ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەت قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان بېرىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن يۈزلىشىش خىتاينىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇرچىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى دەماللىققا توختىتالمايدۇ. ئەمما ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماسلىق ب د ت نىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زەربە بولۇپ، دۇنيانى يەنە بىر قېتىم قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار جازالانمايدىغان، جىنايەتلەر نورماللاشقان دۇنياغا قايتۇرۇپ كېتىدىغان ھاڭغا ئىتتىرىدۇ. خىتاي دۇنيانى مانا شۇنداق يۆنىلىشكە ئىتتىرىۋاتىدۇ. بىراق ئەمدى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات يېتەكچىسى، دوكتور ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە دوكتور نىكولاس بىكۇلىننىڭ ماقالىسىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە تەكىتلەنگەنلىكىنى، يەنى ئەگەر ب د ت ئۆز قارمىقىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ دوكلاتى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە بۇنىڭ ب د ت غا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى:

«ب د ت 'نىڭ ئۆزىنىڭ ئورگىنى بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى پاكىتلار ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتى. ئەگەر ب د ت ئۆز كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بايقىغانلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتمەيدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ب د ت گە بولغان ئىشەنچ يوقىلىدۇ. خۇددى نىكولاس ماقالىسىدە تەكىتلىگەندەك ئۇ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا مۇستەبىتلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ئاستىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن مۇھىم.»

دوكتور نىكولاس بىكۇلىن ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل ئۆز خەلقىگە قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكى ۋە ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ جازالانماسلىقى ئۈچۈن يىللاردىن بېرى تەشكىللىك ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت' دىكى تەسىرى ئۇنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، سۈرىيە ۋە بىرماغا ئوخشاش زالىملارنى قوغداپ قالغانلىقىدەك ئاددىي ئەمەس ئىكەن. يەنى، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ۋە 47 ئەزادىن تەركىب تاپقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدەك ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزملىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن پەردە ئارقىسىدا نۇرغۇن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مېخانىزملارغا قىلغان ھۇجۇمى 2018-يىلدىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەركىبلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتىن تارتىپ، كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرىنى قورقۇتۇش، ئۇلارنىڭ ب د ت دا گۇۋاھلىق بېرىشىنى توسۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى كونترول قىلىشقىچە بولغان نۇرغۇن شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇ خىتاينىڭ ب د ت 'دىكى تەسىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشنىڭ مىشېل باچېلېت تەرىپىدىن بۇنچە كېچىكتۈرۈلۈشىدىمۇ كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، ھازىرغىچە بۇنداق «كەينىگە سۆرەش» نىڭ ئاياغلاشمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى، بىرما، ئىران ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتقا ئاساسەن سۈكۈت قىلدى، ئۇ 20-سېنتەبىردىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇ تېمىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ باچېلېت خانىمنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان يېڭى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈركمۇ تېخىچە كېيىنكى پىلانلار توغرىسىدا توختالمىدى».

دوكتور نىكولاس بىكۇلىن ب د ت باش كاتىپى گۇتىررېس ۋە ۋولكەر تۈركتىن تېخىچە كونكرېت بىر ئىپادە كەلمەسلىكىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

«بۇ كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى ب د ت نىڭ كەمچىلىكلىرى بولسىمۇ، يەنىلا دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇنداق بىر دۇنيا ئورگىنى قۇرۇلمىغاندا، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئېتنىك تازىلاش، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋەھشىيلىكلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىدىغان خەلقئارالىق رامكا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ب د ت نىڭ قۇرغۇچىلىرى 20-ئەسىردىكى ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى، نەچچە ئون مىليونلىغان ئۆلۈم ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەھشەتلىك ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. ناتسىست گېرمانىيەسى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ دائىم زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى، دەپ قارالدى. نەتىجىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسىنى قوبۇل قىلدى، 18 پارچە خەلقئارالىق شەرتنامە ئارقىلىق ئىمزا قويغۇچىلارنى پىكىر ئەركىنلىكىدىن تارتىپ، بالىلار ھوقۇقىغىچە بولغان بارلىق ھەقلەرنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىدۇ، خەلقئارا جىنايەتتىن گۇمان قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنغىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇنى ئىجرا قىلىش جەريانى ھەمىشە جۇغراپىيەۋىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي رېئاللىق بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسىمۇ، ئاقىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق دۇنيا سىياسىتىنىڭ مۇھىم پارچىسى بولغان ئىدى. ئەمما خىتاي مانا بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كەلدى».

دوكتور ھېنرىي شاجېۋىسكىمۇ ئانتونى گۇتېررېس ۋە ۋولكەر تۈركنىڭ پاسسىپلىقىنىڭ ياخشى ئالامەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

«مېنىڭ ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشىمدىكى سەۋەب ب د ت باش سېكرېتارى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ خىتاينى تەنقىدلەشتە داۋاملىق پاسسىپ بولۇشىدۇر. ئۇ باشقا رايونلاردىكى باشقا مەسىلىلەر ۋە كىرىزىسلارنى ناھايىتى تېز تەنقىد قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىدلەشتە ئۇ ناھايىتى پاسسىپ ھەتتا يوق دېيەرلىك. ئەلۋەتتە بۇنى دېيىشكە بەك بالدۇر بولسىمۇ، يېڭى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈركمۇ كىشىگە بەك ئۈمىد بېرىدىغاندەك ئەمەس. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنى ۋە شۇنداقلا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۋاتقىنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، ئۇنىڭ مەبلىغىدۇر. ئەزا دۆلەتلەر ئۇنىڭ مەبلىغىنى كۆزلىسە، ب د ت دىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ خىتاينىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى بولۇپمۇ كىلىمات مەسىلىسى، ئاچلىق مەسىلىسى دېگەندەك مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ».

دوكتور ھېنرىي شاجېۋىسكى سۆزىدە بۇنداق ئەھۋالدا ب د ت نى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى، ئورگانلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئەمدى ب د ت نىڭ باشقا ئورگانلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بېسىم قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى(UNESCO)، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى(ILO)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى(UNHCR)، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى(UNOSAPG) قاتارلىقلار مانا مۇشۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دوكلات ئېلان قىلىشى ھەمدە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ب د ت ئۈستىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتكەنىدى. 26-سېنتەبىر كۈنى، يەنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى 8 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ۋە باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى كېلەر ھەپتە ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ ب د ت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

دوكتور نىكولاس بىكۇلىنمۇ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىنكى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قارارىنىڭ 7-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قارار قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خالىسا خۇددى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە باشقا نۇرغۇن كرىزىسلاردا قوللىنىلغان ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى ئىشقا سالالايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا بۇ كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن: «خىتاي بۇنىڭغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ئۇ ئاللىقاچان ب د ت تەكشۈرۈشىنى قانۇنسىز دەپ ئەيىبلىدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنى ‹ئامېرىكىنىڭ قاراقچىسى ۋە ھەمراھى› دەپ ئاتىدى. ئەمما شىنجاڭدىكى زۇلۇمنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئاراملىقتىن بولسا كېرەك، بۇ نۆۋەت بېيجىڭنىڭ ب د ت دا شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنى قوغداشلىرى مۆلچەردىكىدىن ئاز قوللاشقا ئېرىشتى. ئەمما ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان كونكرېت ھەرىكەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىنى، ئانتونىيو گۇتېررېس ئەپەندى ۋە ۋولكەر تۈرك ئەپەندىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن رەھبەرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.