ب د ت نىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت، گۈلشەن ئابباسنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2023.04.27
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ھەپتە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى ئىز -دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشتا، خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا ئالاقىدار خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دوكلاتتا، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ «بۇ، خىتايدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ سىستېمىلىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ»، دەپ ھېسابلايدىغانلىقى، «مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا، كىشىلەرنى بۇ خىل خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ رەۋىشتە كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق تۈرمىگە تاشلاش ياكى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى» تەكىتلەنگەن.
بۇ ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماشقا باشلىغان 2017-يىلدىن بېرى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەخسۇس تۈردە ئايرىم شەخسلەر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشىدۇر. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچەيلەننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلاردا ئېنىقسىز بولۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان. شۇڭا، خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە «مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلىقى» نىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسەتنىڭ 26-ئاپرېل رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدىكى «چوڭ ئىلگىرىلەش» ئىكەن. ئۇ، ئەكبەر ئەسئەتنىڭ مەسىلىسى خەلقئارا قانۇننىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە «تولۇق چۈشىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ ئىشخانىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىگە ئىكەن. «شىنجاڭ دوكلاتى» دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 27-ئاپرىل مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بايقاشلىرى، بىزنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى باھالىشىمىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەندىشىلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تېرورلۇق ۋە <ئاشقۇنلىق> قا قارشى تۇرۇش نامىدا تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ئائىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ كەملىكى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈرمىگە قامالغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»
ئاتاقلىق ژۇرنالىست، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ «سىياسىي جىنايەت» بىلەن 15 يىل كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن. ئەكبەر ئەسەتنىڭ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2020-يىلى 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئەممە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دېلولارنىڭ ھېچبىرىدە قانۇنى تەرتىپ، ئوچۇق-ئاشكارا سوت ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىغانىدى.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى، گۈلشەن ئابباسنىڭ سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت «ئۆرنەك خاراكتېرلىك دوكلات» ئىكەن.
روشەن ئابباس 26-ئاپرېل رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ب د ت نىڭ دوكلاتى قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت، گۈلشەن ئابباسنىڭ پاجىئەسىگە باھا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ تۈرمە، لاگېرلىرىدا خارلىنىۋاتقان نام-نىشانسىز مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە باھا بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدىمىنىڭ « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاش بولۇشى كېرەكلىكى» نى قەيت قىلدى.
ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت ۋە گۈلشەن ئابباس ئۈچەيلەننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ قانۇنى ئاساسى يوقلىقى، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 6- ۋە 9-ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە بۇ كىشىلەرنى قانۇننىڭ قوغداش سىرتىدا قالدۇرۇپ، ئەھدىنامىنىڭ 6-ماددىسىغا، ئۇلارنىڭ ئادىل ھەم ئوچۇق-ئاشكارا سوتلىنىش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 10-ماددىسىغا، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىپ، ئەھدىنامىنىڭ كەمسىتمەسلىك توغرىسىدىكى 2- ۋە 7-ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-، 3-، 6-، 7-، 9- ۋە 10-ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت ۋە گۈلشەن ئابباسلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشى «خالىغانچە تۇتقۇن»غا كىرىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ 1-، 3- ۋە 5- پاراگراپلىرىدىكى مەزمۇنلارغا چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئادۋوكات رەيھان ئەسەتنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قانۇننىڭ قورال سۈپىتىدە قانداق قوللىنىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. رەيھان ئەسەت يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى زەنجىرسىمان باستۇرۇش ۋە دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدىكى كىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان مامۇت، ئەكبەر، ئەسئەت ۋە گۈلشەن ئابباسنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تېز ئارىدا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىشى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشى تەلەپ قىلىنغان.