ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئوبوكاتانىڭ «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلاتى قوزغىغان ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئوبوكاتا تەرىپىدىن 16 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلاتتىكى ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىگە دائىر مەزمۇنلار بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى قاپلاشقا باشلىدى. بۇ دوكلات، دۇنيانىڭ دىققىتى «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 31 - ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلامدۇ - يوق؟» دېگەن سوئالغا مەركەزلەشكەن بىر چاغدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 2018 - يىلى 9 - ئايدا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىغا دائىر دوكلاتنى ئېلان قىلغىچە بولغان مۇددەت ئىچىدە، دۆلەتلەر ۋە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن. شۇ قېتىمقى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارا كۈنتەرتىپنى ئىگىلەشكە، بۈگۈنگە كەلگەندە بولسا 10 دۆلەت ۋە پارلامېنت تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغان.

ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، بۇ ھەقتە ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» كەبى مەخسۇس قانۇن - بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن، بىر قىسىم غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكادىن باشقا ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىنى رەسمىي ۋە ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ قانۇنلار تۈزگەن دۆلەتلەر ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ، ب د ت تەتقىقاتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلات بەلكىم بۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئوبوكاتا تەرىپىدىن 16 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر پىكىر دولقۇن ئۈچۈن يول ئاچىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ب د ت دا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قاراشنى ئىپادە قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم بولسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 31 - ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىدى.

«ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلات ب د ت دا 2018 - يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 2 - دوكلات بولۇپ، مۇبادا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئالدىمىزدىكى 2 ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلالىسا، بۇ دوكلات 3 - قېتىملىق دوكلات بولۇپ قالىدىكەن ۋە بۇنىڭ تەسىرى ئالدىنقى 2 قېتىملىق دوكلاتتىنمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق ئۇچۇر - تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتنىڭ ئالدىنقى ئىككى دوكلاتتىنمۇ مۇھىم بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىغا، جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى دەلىل - ئىسپاتلارغا، مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر پاكىتلارغا ھەمدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارغا كەڭ دائىرىدە ئورۇن بېرىلگەن ئىكەن.

«ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» نىڭ 17 - ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى خىتاينىڭ شىنجاڭدا مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىنى يولغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 31 - ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان 6 كۈنلىك زىيارىتىدىن ئاخىرقى مەلۇماتنى بېرىدىكەن.