ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى: «ھۆكۈمەت يالقۇن روزىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قولغا ئېلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت شەخسىي دېلولار، نۆۋەتتە ب د ت نىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. ب د ت نىڭ مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت شەخسىي دېلولارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم 3 دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ دېلولارغا قارىتا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر نۇقتىسىدىن پىكىر بىلدۈرگەن.

ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ دوكلاتلارنىڭ بىرىدە، خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يالقۇن روزىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خالىغانچە تۇتقۇنغا كىرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقى، بۇ دېلونىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىشقا كىرىدىغانلىقى، بۇ دېلودا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى نۇرىمان ئابدۇرېشىتنىڭ قەشقەر توققۇزاقتىكى ئائىلىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا دائىر مەخسۇس دوكلاتىدىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خالىغانچە تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە كىرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ئائىلىدىكى ئابدۇرېشىت توختى، تاجىگۈل قادىر، ئەمەتجان ئابدۇرېشىت ۋە مۇھەممەت ئەلى ئابدۇرېشىتلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشتا خەلقئارا ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت نىڭ مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباس ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدىمۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئادالەتسىز سوتلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يازغۇچى يالقۇن روزى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ يالقۇن روزىنى «دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئېلىش ۋە سوتلاشتا ب د ت ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 9-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، يالقۇن روزىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققانلىقى، بۇ دېلودا خىتاينىڭ يەنە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-كاتېگورىيەسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى يالقۇن روزىنىڭ قانۇنىي ياردەمگە ئېرىشىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىنىڭ 10-ۋە 11-ماددىلىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىنىڭ 3-كاتېگورىيەسىگىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

Nursiman-Abdureshit-202109-05.png

يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى يالقۇن روزىنى قولغا ئېلىش ۋە سوتلاشتا ئۇنى ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە «بۆلگۈنچىلىك» مەزمۇنىدىكى تېكىستلەرنى كىرگۈزۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى «زەھەرلەش» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى كامالتۈرك يالقۇن 9-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دوكلاتى ئۆزلىرىنى دادىسىنىڭ ناھەق جازالانغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك دەلىل بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇ يەنە «بۇ دوكلاتنىڭ بىزگە بولغان ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، بىزنىڭ خىتاي بىلەن زاكۇنلىشىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم بىر ھۆججەت بولدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئابدۇرېشىت توختى ئائىلىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كىچىك قىزى نۇرسىمان ئابدۇرېشىتنىڭ 9-ماي رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىنغانغا بىر يىلدەك بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق بىر نەتىجىسى بولمىغان. ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇرسىمان ئابدۇرېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ب د ت نىڭ دوكلاتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىنىڭ بىر خەلقئارالىق ئورگان تەرىپىدىن ئاقلىنىشى، ئۇنىڭ «كۆڭلىنى بەك سۆيۈندۈرگەن.»

نۇرسىماننىڭ 53 ياشلىق دادىسى ئابدۇرېشىت توختى بىلەن 48 ياشلىق ئانىسى تاجىگۈل قادىر ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى ئەمەتجان ئابدۇرېشىت بىلەن مۇھەممەت ئەلى ئابدۇرېشىت 2017-يىلى غايىب بولغان. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى 2020-يىلى نۇرسىمانغا تېلېفون قىلىپ، دادىسىنىڭ 16 يىللىق، ئانىسىنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت ئەلى ئابدۇرېشىتنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما يەنە بىر ئاكىسى ئەمەتجان ئابدۇرېشىتنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ خىل دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشى ۋە ئېنىق تەۋسىيەلەردە بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى، ئادۋوكات خاننو شېدلېر (Hanno Schedler) مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى خىزمەتتە ب د ت ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشى ۋە ئېنىق تەۋسىيەلەردە بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. مېنىڭچە، بۇ يەنە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بۇنى خاتىرىلەپ قويۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۇ خىل دوكلاتلارنى خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلەردە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم» .

خاننو شېدلېرنىڭ قارىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى بۇ كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىدىكى سىرلىق قورال بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل دوكلاتلارنىڭ داۋاملىق ئېلان قىلىنىشى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى، ھېچبولمىغاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدىكەن.

ئۇ يەنە ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى شەخسلەر ھەققىدە بولسىمۇ، لېكىن بۇ بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان يۈز مىڭلارچە كىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاننو شېدلېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەر، بۇ زىيالىيلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئاتالمىش ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىكى بىمەنە سەۋەبلەر بىلەن ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خالىغانچە، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى. بىراق شۇنداقتىمۇ ئىندىۋىدۇئال شەخسلەر، كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.»

ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يالقۇن روزى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ يالقۇن روزىنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشتا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-، 3-، 6-، 8-، 9-، 10-، 11-ۋە 19-ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، بۇ مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 1-، 2-، 3-ۋە 5-كاتېگورىيەسىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يالقۇن روزىنىڭ ئەھۋالىنى تۈزىتىش ئۈچۈن كېچىكتۈرمەي زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.» شۇنداقلا يەنە «خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ دېلونىڭ بارلىق ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى يالقۇن روزىنى دەرھال قويۇپ بېرىش، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تۆلەم ۋە باشقا زىيانلىرىنى تۆلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش، دەپ قارايدۇ» .

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى يەر شارى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا بولغان تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يالقۇن روزىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى نۇرسىمان ئابدۇرېشىتنىڭ ئائىلىسى ۋە قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت ھەم گۈلشەن ئابباسلارنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ خىل چاقىرىقتا بولغان ئىدى.

بىز ئۆتكەن بىر قېتىملىق پروگراممىمىزدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بىلەن خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋەكىلىگە ئېلخەت يېزىپ، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىغا بولغان ئىنكاسىنى سورىغان ئىدۇق. خىتاينىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلى خېتىمىزگە جاۋاب بەرمىگەن ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى خېتىمىزگە جاۋاب بېرىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، «خىتاي دائىرىلىرىنى تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈرمىگە قامالغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.