6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بىلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى ياۋروپادا ب د ت غا قارىتا سەلبىي قاراشلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD نىڭ 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر قارا كۈن» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ب د ت دىكى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 6-ئۆكتەبىرنى «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر قارا كۈن» دەپ ئاتىغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ كۈننى «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر ئاپەت» دېگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت دا 6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا ئاۋاز بېرىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، 11 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى، 17 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 19 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئىجابىي نەتىجە يارىتىلمىغان ئىدى.
«كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر قارا كۈن» ناملىق خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش رەت قىلىندى. بۇ ھال كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بولغان ئىشەنچىنى ئېغىر دەرىجىدە بەربات قىلدى.»
شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان SRF تا 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئۈچۈن ئۇتۇق، غەرب ئۈچۈن شاپىلاق» ناملىق خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭ دېپلوماتىك نەيرەڭلىرى ئارقىلىق ب د ت دوكلاتىنىڭ باشقا بىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلالىدى. ئەمدى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولمايدۇ. بۇ ئەسلىدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق زور بىر تارىخ بولۇپ قالاتتى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۈگۈن ئەڭ قاراڭغۇ بىر دەۋىرنى باشتىن كۆچۈردى. ئۇنىڭ ئوبرازى ئېغىر دەرىجىدە سۇندى».
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينى كۇبا، ئېرىتىرىيە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ۋېنىسۇئىلا قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر قوللاپلا قالماي، يەنە ھىندونېزىيە، سېنىگال، نامبىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ قوللىدى. ھەتتا كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشنىمۇ خالىمىدى. ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش غەرب دۆلەتلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. بىراق غەرب ئۇتۇق قازىنالمىدى. بۇ غەرب ئەللىرى ئۈچۈن بىر شاپىلاقتۇر.»
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىم ب د ت دا ئاۋازدىن ئۆتمەسلىكىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاش داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بەلكى تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «زامان» گېزىتى 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇر مۇنازىرىسىنى رەت قىلدى» ناملىق خەۋەردە ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ غەرب دۇنياسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى مىشېل تەيلور ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھىسابىدا ‹كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قۇرۇلغان 2006-يىلىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ (…) ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىماي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقىنى نومۇسسىزلارچە ئىسپاتلاپ بەردى› دەپ يازدى.»
گېرمانىيە نەشىردىن چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي غەرب بىلەن بولغان كۈرەشتە غەلىبە قىلدى» ناملىق خەۋەردە، «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى شىنجاڭ توغرۇلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى» ناملىق خەۋەردە ۋە «ئاخبنارات كۆزنىكى» 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ غەلىبىسى: خىتاي ب د ت نى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشتىن توسۇپ قالدى» ناملىق باياناتلاردا ب د ت دا تارىخىي بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ ب د ت نىڭ يۈزىگە سۈرتۈلگەن ئۆچمەس بىر قارا داغ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.