ئىرادە قەشقەرىنىڭ ب د ت دىكى يىغىنىدا قىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى خىتاي ۋەكىلىنى بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.04.10
irade-qeshqeri-bdt-da.jpg بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2030-يىلى ياشلار» تېمىسىدىكى يىغىنغا ئامېرىكادىن ۋىرىگىنىيە ئانا تىل مەكتىپى قۇرغۇچىسى ئىرادە قەشقەرى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە. 2019-يىلى 8-ئاپرېل، نيۇ-يورك.
Photo: RFA

8-9-ئاپرېل كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە ب د ت ياشلار مۇنبىرىنىڭ «2030-يىلى ياشلار» تېمىسىدا يىغىنى ئېچىلدى.

8-ئاپرېل كۈنىدىكى يىغىندا ئامېرىكادىكى ۋىرىگىنىيە ئانا تىل مەكتىپى قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر قىزى ئىرادە قەشقەرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئەمما ئىرادەنىڭ سۆزلىرى يىغىندىكى خىتاي ۋەكىللىرىنى بىئارام قىلغان. ئىرادەنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن يىغىندىكى خىتاي ۋەكىلى ئالاھىدە سۆز نۆۋىتى ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ ئىزاھات بەرگەن.

8-ئاپرېل كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە باشلانغان «2030-يىلى ياشلار» تېمىسىدىكى يىغىنغا ئامېرىكادىن ۋىرىگىنىيە ئانا تىل مەكتىپى قۇرغۇچىسى ئىرادە قەشقەرىمۇ قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى تۋىتېر، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، ئىنكاس قوزغىماقتا.

مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىرادە قەشقىرى 9-ئاپرېل كۈنىدىكى يىغىننىڭ دەم ئېلىش ئارىلىقىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئىرادەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى، قىيىنچىلىقلار، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ۋە بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قىزىقتۇرغان. ئىرادەنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن بىر قىسىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئىرادەدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت ئەھۋاللارنى سورىغان.

ئىرادەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن خىتاي دۆلىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىلى ئىنتايىن بىئارام بولغان. ئىرادەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزلىگەن بىرقانچە ياشنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي ۋەكىللىرىدىن بىرى سۆز نۆۋىتى ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن.

ئىرادەنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ۋەكىلى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاپ، «ھۆكۈمىتىمىز ھەممە كىشىنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە ۋە قوغدىلىۋاتىدۇ، بىز ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋەكىلىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قاراتقان ئاساسسىز ۋە ئورۇنسىز ئەيىبلىشىگە دىققەت قىلدۇق ۋە بۇنى رەت قىلىمىز»، دېگەن سۆزلەرنى قىلغان. مەزكۇر خىتاي ۋەكىلى يەنە يىغىن باشقۇرغۇچىنى يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنى ئاساسىي تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە باشلانغان يىغىن 8-9-ئاپرېل ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياشلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاش، ياشلارغا ئىلھام بېرىش، ياشلارنىڭ باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ئىكەن. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، مىنىستىرلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار سۆزلىرىدە نۆۋەتتە ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.