ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاشقا ئۆتكەن

0:00 / 0:00

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى پاكىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇشقا بولمايدىغان پاناھلانغۇچىلار گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەرەلى توشۇپ كەتكەن پاناھلىق گۇۋاھنامىلىرىنى يېڭىلاپ بېرىشكە ئۆتكەن. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ 22-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ۋاقتى تاڭ سەھەردە رادىيومىز مۇخبىرىغا ئەۋەتكەن يازما جاۋابىدا، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاش توغرىسىدا ئالاقە باغلىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرى راۋالپىندى قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى دەرھال يېڭىلىمىسا، پاكىستاندا داۋاملىق تۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قەبىھلىشىشى، شۇنداقلا پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتايغا كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىللاردىن بېرى پاكىستاندا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، ب د ت نىڭ خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغان كىشىلەر گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن. سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ بولمىغان خىتاي تەۋەلىكىدىكى بۇ ئائىلىلەر، بۇ گۇۋاھنامە بىلەن پاكىستاندا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەزىيەت ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۆزگەرگەن.

بۇ ئائىلىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، بۇ ئائىلەرنىڭ قايتۇرۇشقا بولمايدىغان پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاپ بېرىشنى توختاتقان. بۇنىڭ بىلەن پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئائىلىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى تۇغۇلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 21-فېۋرال كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسىغا خەت يېزىپ، شۇنداقلا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىشىغا چۈشەنچە بېرىشىنى، رەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالاقە ئىشلىرى دېرىكتورى جۇڭئاخ گېدىنى ۋىليامىس خانىم مۇخبىرىمىزغا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقى، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رادىيومىز مۇخبىرى 22-فېۋرال تاڭ سەھەردە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى پاكىستان ئ‍ىشخانىسىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارى ئايوفې مېكدوننېل (Aoife McDonnel) نىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما جاۋابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «باش شتاپتىكى خىزمەتداشلىرىم سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، بىز ئىندىۋىدۇئال دېلولار ھەققىدە سۆزلىمەيمىز. بىراق سىزگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاش توغرىسىدا ئالاقىلىشىۋاتىدۇ. بۇ مەشغۇلات نۆۋەتتە تىزىمغا ئېلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا.»

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئ‍ىشخانىسى 22-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى، يەنى 23-فېۋرال كېلىپ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاپ كېتىشىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىشىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئۇيغۇر، 22-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى دەلىللىدى.

نۆۋەتتە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاشنى نېمە ئ‍ۈچۈن توختىتىپ قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس. پاكىستاندا ب د ت پاناھلىق گۇۋاھنامىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ھاجى نىيازنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا پاكىستان ساقچىلىرى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئىزدەپ كېلىپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسى دەرھال يېڭىلانمىسا، پاكىستاندا تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پاكىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان 67 ياشلىق ھاجى نىياز ۋە ئۇنىڭ 8 كىشىلىك ئائىلىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا پاناھلىق ئىلتىماسىدا بولغان. ب د ت مۇدساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پاناھلىق گۇۋاھنامىسىدا ئۇنىڭ «بىر پاناھلىق تىلىگۈچى سۈپىتىدە ب د ت مۇساپىرلا رمەھكىمىسى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان دۆلەتكە قايتۇرۇلماسلىقى ۋە ئۇنىڭ قوغدىلىشى كېرەك بولغان شەخس، دەپ قارىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ھاجى نىياز 21-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىغا گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بارسا، ئىشخانا خادىملىرىنىڭ «ھازىر بىز ئافغان مۇساپىرلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش» دېگەن سەۋەب بىلەن گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىشى، ئۇلارغا زور بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىپ بەرگەن. بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىدا، ئ‍ۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەن ئۆمەر ئۇيغۇر، بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ھامان ئۆمرە ھەجنى تاشلاپ پاكىستانغا قايتقان. ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇ پاكىستانغا قايتىپ كېلىپلا دەرھال راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر پاكىستان سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنىڭ قەرەلى توشۇپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئ‍ۆمەر ئۇيغۇر پاكىستان سوتىنىڭ 22-فېۋرال كۈنى ئۆزىنى چاقىرتىپ، سوتچىنىڭ پاكىستان ساقچى ۋە ئ‍ىستىخبارات ئورگانلىرىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ مۇناسىۋبەت بىلەن بىز 22-فېۋرال ئەتىگەندە پاكىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. پاكىستان ئەلچىخانىسى ئاخبارات ئ‍ىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى مەلىخا شاھىدنىڭ ھازىر يىغىندا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا كېيىنرەك تېلېفون قىلىشىمىزنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنرەك مەلىخا شاھىد تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ پاكىستان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە بولسۇن ياكى ب د ت نىڭ يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاپ، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشتا بولسۇن ۋە ياكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە توسقۇنلىق قىلىشتا بولسۇن، ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

پاكىستاندىكى بۇ ۋەقەنىڭ كانادا پارلامېنتى تېخى يېقىندىلا قارارنامە ماقۇللاپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئاز دىگەندە 10 مىڭ كىشىنى كاناداغا يۆتكەپ كېلىشنى قارار قىلغان بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھېچقانداق سەۋەب ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۇزارتماسلىقىغا باھانە بولالمايدىكەن.

مەمەت توختى، كانادانىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارى خىتاينى قاتتىق بىئ‍ارام قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ پاكىستان، تۈركىيەدەك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىگە كېتىشىگە كاشىلا قىلىشى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پاكىستان، تۈركىيەدەك دۆلەتلەردە «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلالايمىز» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىزدەپ پاكىستانغا كۆچۈشى 1949-خىتاي كومپارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئ‍ىشغال قىلىشى بىلەن باشلانغان. 1954-يىلى خوتەندە پارتلىغان قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن يەنە بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر ئائىلىسى پاكىستانغا قاچقان. 1963-يىلى ۋە 1974-يىللىرىدا پاكىستانلىقلار بىلەن تۇغقانچىلىقى بولغان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يول بېرىشى بىلەن پاكىستانغا كۆچۈپ چىققان.

1980-يىللاردا خىتاينىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويۇشى بىلەن پاكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكىلىگە ئايلىنىپ، بەزى ئۇيغۇرلار سودا ئىشلىرى بىلەن، بەزى ئۇيغۇرلار ئوقۇش بىلەن، بەزى ئاياللار پاكىستانلىق ئەركەكلەرگە توي قىلىش يولى بىلەن پاكىستاندا ئولتۇراقلاشقان. لېكىن 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر» تېرورلىق ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچىيىپ، پاكىستان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇمانلىق، دەپ قارالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا پاكىستانلىقلارغا توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پاكىستاندا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ پاناھلىق گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەنلەردىن 4-5 ئائىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ جان سانى 18 ئەتراپىدا ئىكەن.