پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان 18 ئائىلە، جەمئىي 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قانۇنىي كىملىكى، پاسپورتى ۋە ئىقامىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىرىۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىزلا «قانۇنسىز مۇساپىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى» نى ئېلان قىلىشى بىلەن راۋالپىندىكى بۇ ئۇيغۇرلار خاتىرجەم ياشىيالماي، قايتىدىن سۈرگۈن قىلىنىش تەقدىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭدىن 30، 40 يىللار بۇرۇنقى سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئافغانىستاندىن پاكىستانغا قېچىپ ئۆتكەنلەر ئىكەن.
بۇ ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۆزلىرىنى «ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار» قاتارىدا تىزىملانغان. ھالبۇكى، پاكىستاننىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىدا چېگرادىن رەسمىيەتسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئافغانىستاندىن كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر پاكىستاندا ھېچقانداق پاسپورت ياكى ئىقامەتكە ئىگە بولالمىغان.
ئۇلار پاكىستاندا «قانۇنسىز كۆچمەن» سۈپىتىدە تۇرغاندىن باشقا، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قېچىپ كەلگەن دۆلەت-ئافغانىستان بىلەنمۇ قانۇنىي پۇقرالىق باغلىنىشى بولمىغان. يەنى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ھۆججەتمۇ يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىدىغان قانۇنىي ھۆججەتكە ئىگە بولمىغاچقا، ئۆز كىملىكىنى پەقەتلا «بىز ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدىكەن.
ئەگەر پاكىستان دائىرىلىرى ئۇلارنى ئافغانلار قاتارىدا نۆۋەتتە تالىبانلار كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستانغا قوغلىسا، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك خەۋپتە قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، راۋالپىندىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستانغىلا ئەمەس، ھەتتا خىتايغىمۇ قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن باغلىنىشى يوق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بۇنىڭدىن 10 يىللار ئاۋاللا پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پېيىغا چۈشكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا راۋالپىندىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى ئالغان ئىكەن.
شۇ سەۋەبتىن پاكىستان چېگراسىدىن قوغلىنىشتەك تەقدىرنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار، «ئەگەر خىتاي تەلەپ قىلىپ قالسا، پاكىستان بىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەرمۇ؟ » دېگەن كۈچلۈك ئەندىشىدە قالغان.
راۋالپىندىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئۆتكەن قېتىملىق زىيارىتىمىزدە، پاكىستاننىڭ بارغانچە ئۆزلىرى ئۈچۈن بىخەتەر پاناھ جاي بولمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇلار يەنە 1-نويابىردىكى سۈرگۈن ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بۇ جىددىي پەيتتە، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى بۇنىڭدىن 3 ھەپتە ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە چىقمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئۆمەر ئەپەندى 23-ئۆكتەبىر قايتا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئۆزى بىلەن ئىككى قېتىم ئالاقىلەشكەنلىكىنى، ئۆزىدىن راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە ھازىر پاكىستان دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئۆي ئىجارە بېرىۋاتقان پاكىستانلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۇلارغا 1-نويابىرغا قالماي ئۆينى بوشىتىش ھەققىدە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئەپەندىدىن ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.
ئابدۇلئەھەد ئەپەندى، بۇنىڭدىن ئون كۈن ئاۋۋال ۋە بۈگۈن، يەنى 23-ئۆكتەبىر ئىككى قېتىم ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئۆزى ھەمدە باشقا بىر قانچە ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال سورىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ «پاكىستان دائىرىلىرى ياكى ساقچىلار سىلەرگە تەھدىت قىلدىمۇ؟ » ، «نېمە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىسىلەر» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغانلىقىنى؛ راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى، ئادرېسى ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئابدۇلئەھەدنىڭ بايان قىلىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاش مۆھلىتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، راۋالپىندىكى ئۇيغۇرلار ھەتتا بالىلىرىنى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشكىمۇ پېتىنالماي ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيلەرنىڭ خوجايىنلىرى ئۇلارغا داۋاملىق ئۆينى بوشىتىش توغرىلىق بېسىم پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە قارىتا قانداق تەدبىر قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئەمما ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.
پاكىستاندا قىيىن ئەھۋالدا قالغان 18 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى توغرىلىق ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىسلامىي تەشكىلاتلاردىن «ھەممىگە ئادالەت» (Justice for All) تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئابدۇلمالىك مۇجاھىد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پاكىستان ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنىڭ پاناھ جايى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئافغانىستان، روھىنگا ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىغا قۇچاق ئاچقان پاكىستاندا ئۇيغۇرلارمۇ پاناھلانغان ئىدى. مىسال ئۈچۈن ئېيتسام، مېنىڭ پاكىستاندىكى بىر قوشناممۇ ئۇيغۇر ئىدى. گەرچە پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا بۇنداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر دەپ قارىسىمۇ، ئەمما قولىدا رەسمىيىتى يوق مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى چېگرادىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولغانلىقى خاتا بىر تەدبىر. ئەپسۇسكى، سىياسىي مەقسەتلەر سەۋەبلىك مۇساپىرلارنى قايتۇرۇشتەك ئىشلار گېرمانىيەدىمۇ، ئامېرىكادىمۇ يۈز بەرمەكتە. پاكىستان ئۆز دۆلىتى تەۋەسىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغانلىقى پۈتۈنلەي ھەقلىق بىر ئىش، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قارشى ئېلىشى ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار دەل دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پاناھ جاي ئىزدەپ پاكىستانغا كەلگەن مۇساپىرلاردۇر. »
ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىكەن. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرىدىن لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) خانىم، رادىيومىزغا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
«كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش قىسمىتىگە ئۇچرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ھېچ قانداق بىر ھۆكۈمەت نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ھېچقانداق بىر ئىنسان تەن جازاسى، قانۇنسىز تۇتقۇن ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان بىر دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ خەلقئارالىق قانۇنلارنى بۇزغانلىق بولىدۇ. »